جاھان ئاگېنتلىقى 2-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىر سوتى پەلەستىندىكى خاماس ھەرىكىتىنى «تېرورلۇق تەشكىلات» دەپ ئېلان قىلغانلىقىغا غەززەدە مىڭلارچە كىشى قارشىلىق بىلدۈردى. غەززە رايۇنىنىڭ شىمالىدىكى جىبالىيە مۇساپىرلار لاگېرىدىن باشلاپ نامايىش قىلغان نۇرغۇنلىغان پەلەستىنلىك، خاماسنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ مىسىر سوتىنىڭ خاماسنى تېرورچى تەشكىلات دەپ ئېلان قىلغان قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
نامايىشچىلار مىسىر ھۆكۈمىتىنى بۇ قاراردىن دەرھال ۋاز كېچىشكە چاقىرىق قىلىپ، بۇنىڭ پەلەستىن قارشىلىق ھەرىكىتىگە خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نامايىشتا يەنە مىسىر خەلقى بىلەن پەلەستىن خەلقىنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكى ۋە ئىككى قېرىنداش دۆلەت ئارىسىغا پىتنە ئوتى يېقىشنى مەقسەت قىلغانلارنىڭ مەقسىتىگە يىتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن مۇشىر مىسرى ، «مىسىر جىددى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ خاماس ھەققىدىكى قارارى تارىخقا قىلىنغان بىر ھۇجۇمدۇر» دېدى. مىسرى يەنە بۇ قارارنىڭ « زامانىۋى ئەسىرنىڭ ئەڭ شەرەپلىك دولقۇنىغا قارشى ئىكەنلىكىنى» ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «خاماس ۋە باشقا پەلەستىن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ نىل دەرياسىدىن فۇرات دەرياسىغا قەدەر سوزۇلغان رايۇنلارنى كونتروللىقىغا كىرگۈزۈش خىيالىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، مسىىردىن بۇنداق نۇمۇسسىزلارچە بىر قارار چىقىۋاتىدۇ، بۇ قارار مىسىرنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدىكى تارىخى، سىياسىي رولىغا زور دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ» دېدى.
مىسرى يەنە، مىسىر سوتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بۇ قارارنىڭ مىسىر خەلقىنىڭ ئىرادىسى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، «خاماس ۋە ئىسرائىلىيە باشلىغان ئۇرۇشلاردا مەيدانغا كۆكرەك كېرىپ چىققان ئىززۇددىن قەسسام ئەترەتلىرىگە بۇ قارار تەسىر قىلمايدۇ» دېدى، ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى: «خاماس تەرەپتىن ھېچكىم مىسىرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا نە ھەربىي ئىشلار، نە سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلاشمىدى. مىسىر ئۈچۈن تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئۈمىد قىلىمىز. بىزنىڭ قۇرالىمىز پەلەستىننى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشتىن باشقا مەقسەتتە ئەمەس، ئوقلىرىمىز ھەر ۋاقىت پاكىزەدۇر» دېدى.
مىسىر جىددى ئىشلار مەھكىمىسى 31-يانۋار خاماسنىڭ ھەربى تارمىقى ئىززۇددىن قەسسام ئەترىتىنى تېرور تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. خاماس مىسىرنىڭ بۇ قارارىنىڭ ئىسرائىلىيە مەنپەئەتى ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved