ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ

ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارنى چۈشىنىش ۋە مۇئەييەن ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق بۇ ئەزالارنىڭ ئۆزىنى داۋالاش سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.
ئارتېرىيە تومۇرى ئارتېرىيە تومۇرىدا قان توسۇلۇپ قالسا نورمال ئادەمنىڭ ئارتېرىيە تومۇرى ئەسلىدىكىدىن كېڭىيەلەيدۇ، ھەتتا يېڭى ئارتېرىيە قان تومۇرى شەكىللىنىپ قان ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرىدۇ. بۇ جەريان قان تومۇرنىڭ قايتا شەكىللىنىشى دېيىلىدۇ. ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى ئازايتىش قان تومۇرلارنىڭ قايتا شەكىللىنىشىگە پايدىلىق ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش ۋە ۋاسكېتبول ئويناش قاتارلىق قان ئايلىنىشقا ياردەم بېرىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىقمۇ قان تومۇرلارنىڭ قايتا شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن.
سۆڭەك سۆڭەكنىڭ ھاياتلىق بۆلىكى )ئاساسىي ماددا ھۈجەيرىسى(نىڭ رول ئوينىشى بىلەن سۆڭەك سۇنغاندىن كېيىن بىرىكىش يۈز بېرىدۇ. ئاساسىي ماددا ھۈجەيرىسى بولسا ئادەم بەدىنىدىكى بۆلۈنۈش ئىقتىدارى ۋە قايتا شەكىللىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ھۈجەيرە بولۇپ، سۆڭەك زەخىمگە ئۇچرىغاندىن كېيىن بۇ ھۈجەيرە رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلايدۇ. پالەك، چېچەككۆك قاتارلىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردا ۋىتامىن K مول بولۇپ، سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتىدىن شەكىللىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. سۆڭەك سۇنۇپ ئالتە ھەپتىدىن كېيىن يەڭگىل ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ بەرگەندە سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
جىگەر جىگەردىن بىر قىسىم ئۆلگەن توقۇلمىلارنى چىقىرىپ تاشلىغاندا يېڭى توقۇلمىلار ئۆسۈپ چىقالايدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى جىگەر قېتىشىش دەرىجىسىگە بارمىغان بولۇشى كېرەك. ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچىش ۋە كېچىسى ئۇخلىماسلىق جىگەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردا يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە مۇرەككەپ ۋىتامىن B ئىچىپ بەرگەندە گىلۇتاتىئون دەپ ئاتىلىدىغان خىمىيەلىك بىرىكمىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ بىرىكمە جىگەر توقۇلمىلىرىنىڭ قايتىدىن ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
ئۈچەي ماددا ئالماشتۇرۇشى ئەڭ تېز بولغان ئورگانىزم ئۈچەي، ئەمما ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچىش ۋە كاۋاپ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ئۈچەي ئىچكى دىۋارىنىڭ نېپىزلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يىرىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئۈچەينىڭ يېڭىلىنىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن: تاماققا قارا ئاشلىقنى قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا كونا ھۈجەيرىلەرنىڭ چىقىرىپ تاشلىنىپ يېڭى ھۈجەيرىلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
چوڭ مېڭە تېرە سۈرۈلۈپ كەتسە ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىپ ساقايغانغا ئوخشاش، چوڭ مېڭە ھەمىشە ئۆزىنى داۋالاپ ساقىيىشقا ئىنتىلىدۇ. تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق مېڭىنىڭ ئىككى ھالقىلىق بۆلىكىدىكى )ئەستە تۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى كونترول قىلىدىغان تۆۋەنكى مېڭە دۆڭچىسى بىلەن پۇراش سەزگۈسىنى كونترول قىلىدىغان پۇراش شارچىسى( ھۈجەيرىلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. مېڭىنىڭ ئۆزىنى داۋالاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەپتىدە ئىككى - ئۈچ كۈن ھەر قېتىمدا يېرىم سائەت ئەتراپىدا چېنىقىپ بېرىش كېرەك.
ئۆپكە ئۆپكە تۈكچىلىرى مەينەت نەرسىلەرنى ئۆپكە پۈۋەكچىسىدىن كانايغا سىقىپ چىقىرىدۇ. ئاندىن شىلىمشىق سۇيۇقلۇقلار بىلەن بىللە، تەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. گەرچە ئۆپكىنىڭ ئۆزىنى تازىلايدىغان ئايلانما سىستېمىسى بولسىمۇ، ئەمما ناچار ھاۋا نەپەسلىنىش سىستېمىسىنى توسۇۋېلىپ، ئۆپكىنىڭ ئۆزىنى تازىلاش ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. دائىم چېنىقىپ تۇرغاندا ئۆپكىنىڭ پاكىز تۇرۇشىغا ياردىمى بولىدۇ، سەۋزە، تاتلىقبەرەڭگى، ئەنبەھ قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن A ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلىپ تۇرۇش كېرەك.



خەتكۈچلەر:
08-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek