شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 26-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 26-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ‹‹خەلق›› سارىيىدا زېمبابۋې زۇڭتۇڭى مۇگابى بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-زېمبابۋې باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. تۈنۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەققىدە كەڭ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو تەرەپ زېمبابۋې تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، زېمبابۋې تەرەپكە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، زېمبابۋې تەرەپنىڭ ئاشلىق بىلەن تەمىنلىشىنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقنى ئازايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئوبدان ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش قاتارلىق ھەمكارلىقنى ئوبدان قىلىپ، زېمبابۋېنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسى ۋە مۇستەقىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.
لى كېچياڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئافرىقا ئىتتپاقىنىڭ رەئىسى زۇما خانىم ئوتتۇرىغا قويغان ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختى ۋە ئاساسلىق سودا مەركەزلىرى ئارا تۆمۈر يول قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئاكتىپ قوللايدۇ، ئافرىقىنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىشكە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved