جۇڭگو ئاخبارات تورى، 23-ئىيۇن تېلېگراممىسى: كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 23-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، كورېيەدە تۈنۈگۈن يەنە ئۈچ ئادەم مېرس بىلەن يۇقۇملانغان، بىراق، قازا قىلغانلار كۆرۈلمىگەن. كورېيەدە ھازىرغا قەدەر جەمئىي 175 ئادەم مېرس بىلەن يۇقۇملانغان، 54 ئادەم ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 21-ئىيۇندىن 22-ئىيۇنغىچە «دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقۇملاندۇرغۇچى» دەپ ئاتالغان 14-نومۇرلۇق بىمار(ئەر، 35 ياش)، 69-نومۇرلۇق بىمار(ئەر، 57 ياش)، 109-نومۇرلۇق ھامىلىدار بىمار(ئايال، 39 ياش)، 116-نومۇرلۇق بىمار(ئايال، 56 ياش)ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ بىر كۈندە يۇقۇم سەۋەبلىك ئايرىۋېتىلگەنلەرنىڭ سانى 1028 ئادەم (%26.8) ئازايغان بولۇپ، ئايرىۋېتىلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 2805كە چۈشكەن؛ ئايرىۋېتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلارنىڭ سانى 1387گە يېتىپ، ئايرىۋېتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 10 مىڭدىن ئاشقان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەركەز مېرسقا تاقابىل تۇرۇش باش ئىشتابىنىڭ مەسئۇلى كورېيەدە مېرس يۇقۇم ئەھۋالى تۇراقلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، ئاممىنىڭ بىھۇدە غەم-ئەندىشىدە بولماي، كۈندىلىك تۇرمۇشىنى نورمال داۋاملاشتۇرۇشىنى ئېيتقان، بىراق، ئۇ يەنە مېرسنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى بىر ~ ئىككى ھەپتە داۋام قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا، بىرەر كۈن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىسا پۈتۈنلەي خاتىرجەم بولغىلىمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved