پىچان ناھىيەسى ئەلا سۈپەتلىك تاش ماتېرىيالى بايلىقىغا ئىگە بولۇپ، كان زاپىسى 40 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. پىچان ناھىيەسى بۇ بايلىقلارغا تايىنىپ، پىچاننى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ‹‹تاش شەھىرى›› قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.
‹‹ۋەنجېن›› تاش ماتېرىياللىرى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلدا مىليون توننىلىق تاختا شەكىللىك تاش ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتى 2013 – يىلى 5 – ئايدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، يەنە ئىككى زاۋۇتىمۇ ئارقا – ئارقىدىن ئىشقا كىرىشكەنىدى. بۇلتۇر ‹‹ۋەنجېن›› تاش ماتېرىياللىرى شىركىتى يەنە ئۈچ زاۋۇت بىناسى سالدى.
پىچان ناھىيەسىنىڭ تاش ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە قىممىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. پىچان ناھىيەسىنىڭ تاش ماتېرىيالى سانائىتى كان قېزىش، پىششىقلاش، يۈرۈشلۈك تاش ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن تاش ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ تاش قېزىش، پىششىقلاش، ئېكسپورت قىلىش بازىسىغا ئايلاندى. ھازىر پىچان ناھىيەسىنىڭ تاش ماتېرىياللىرى پۈتۈن مەملىكەت، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىدە بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتقا، پىچان ناھىيەسى ئىسمى – جىسمىغا لايىق ‹‹تاش شەھىرى››گە ئايلاندى.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved