شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 18-نويابىر مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇرسى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ باشقا ئەزالىرى سوتلاندى
شىنخۇا تورى، قاھىرە، 15-فېۋرال تېلېگراممىسى: قاھىرەدىكى جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى شۇ يەر ۋاقتى 15-فېۋرال بۇ دۆلەتنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇرسىنىڭ ‹‹دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش›› جىنايىتىگە تۇنجى قېتىم سوت ئېچپ قاراپ چىقتى. بۇ دېلوغا 28-فېۋرال داۋاملىق سوت ئېچىلىدۇ.
مىسىر ‹‹ئېھرام گېزىتى›› تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنكى سوت مەيدانىدا مۇرسى سوتنى رەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ يەنىلا مىسىر زۇڭتۇڭى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. باشقا جاۋابكارلارمۇ بارلىق شىكايەتلەرنى ئىنكار قىلغان.
مىسىر تەپتىش تەرەپ بۇلتۇر 6-سېنتەبىر مۇرسى ۋە باشقا 10 كىشى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، ئۇلارنى ‹‹قاتاردىكى ئاخبارات ئاپپاراتى ۋە باش ئىشتابى قاتار پايتەختى دوھاغا تەسىس قىلىنغان ‹يېرىم ئارال› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا مىسىرنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە ھەربىي ئىشلار مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان›› دەپ شىكايەت قىلغان.
مۇرسى يۇقىرىقىدىن باشقا يەنە نامايىشچىلارغا زوراۋانلىق قىلىشقا قۇترىتىش، چەت ئەل كۈچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ مىسىرنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە 2011-يىلىدىكى داۋالغۇش مەزگىلىدە تۈرمىدىن قېچىش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك جىنايەت بىلەنمۇ ئەرز قىلىنغان. بىراق ئۇ ئۆزى ھەققىدىكى بارلىق شىكايەتلەرنى ئىنكار قىلىپ : بۇ شىكايەتلەر سىياسىي مەقسەت تۈپەيلى ئويدۇرۇلغان، دېگەن.
مىسىر ھەربىي تەرەپ 2013-يىلى ئىيۇلدا مۇرسىنى ‹‹دۆلەت نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن كىرىزىسنى ھەل قىلالمىدى›› دېگەن سەۋەب بىلەن زۇڭتۇڭلۇقتىن چۈشۈرىۋەتكەن. نۆۋەتتە، مۇرسىنىڭ نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق دېلولىرىغا داۋاملىق سوت ئېچىلىدىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، تۈركىيە ئەنقەرەدە، تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 65-قېتىملىق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى.
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، تۈركىيە ئەنقەرەدە، تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 65-قېتىملىق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى.
|
![]() |
تۈركىيە زۇڭتۇڭى يېڭى ئىچكى كابىنېت ئىسىملىكىنى تەستىقلىدى، ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ ئەزاسى داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئەنقەرە، 24-ماي تېلېگراممىسى:
تۈركىيە زۇڭتۇڭ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved