2016-يىللىق پاي چېكى بازىرىنىڭ يۈزلىنىشى

    بىۋاستەمەبلەغ يۈرۈشتۈرىش جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى، جۇڭگو ئىقتىسادىداھۆكۈمەت كارخانىغا يۆلەك بۇلىدىغان ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، چۇقۇم بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرىشنى ئىشقا ئاشۇرىشى كېرەك، بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى دەل پاي چېكى بازىرىدۇر. ھۆكۈمەت پايچېكى بازىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپلا قالماي بەلكى بارغانسىرى يۇقۇرى كۆتۈرىش كېرەك، جۇڭگودا مەبلەغ يۈرۈشتۈرىشتە پاي چېكى بازىرىدىن باشقا تەننەرخى تۆۋەن بازار بولمىسا كېرەك. 2015-يىلدىكى پاي ئاپىتى كېشىلەرنى ساراسىمىگە سېلىۋەتتى،لىكىن ھۆكۈمەتنىڭ پاي چېكى بازىرىدا، زايۇم بازىرىغا ئوخشاش باشتارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار.

     ھۆكۈمەت 1998-يىلدىن2003-يىلغىچە بولغان ئىقتىسادىي بۇرۇلىش مەزگىلىدە، ناچار مۈلۇكنى ئاجرىتىش ئارقىلىق، دۆلەت كارخانىسى ۋە بانكىنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنى ھەلقىلغان ئىدى؛ WTO، ئۆي-زېمىن ۋە ماشىنا ياساشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قۇرال، جۇڭگونى ئوڭۇشلىق ھالدايەرشارىدىكى ئەڭچوڭ سودا دۆلىتىگە ئايلاندۇردى. ھازىر جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق كەسپى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات ئېھتىياجدىن ئېشىپ كىتىش، يۇقۇرى پەن-تېخنىكا بىلەن يۇقۇرى ئىناۋەتنىڭ كەمچىل بۇلۇشتەك مەزگىلىدە، پۇل-مۇئامىلەخەۋپ-خەتىرىنى ھەلقىلىشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى پاي چېكى بازىرىدۇر، قايتا تەشكىللەش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇشۇقچىلىقى بولغان كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقۇرى پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپ، سودىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۇقۇرى پەن-تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرىش يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش كېرەك.

     ھۆكۈمەت سىياسەت جەھەتتە، بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرىش مۇھىم ئورۇنغا قۇيدى؛ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمى ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، جۇڭگو ئاكسىيەنازارەتچىلىك كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فاڭ شىڭخەينىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمى ئىشلار يىغىنى « بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ،پۇل-مۇئامىلە قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قۇيۇش پىكرى » نى ماقۇللىغان. يولغا قۇيۇش پىكرىدە ئاساسلىقى ئۈچ مەسىلە ھەلقىلىنغان، بىرىنچى ئىلىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساددا مەبلەغ يۈرۈشتۈرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش؛ ئىككىنچى كارخانىلارنىڭ يۆلىنىۋېلىش سالمىقىنى تۆۋەنلىتىش؛ ئۈچۈنچى پۇل-مۇئامىلەسىستېمىسىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتىپ 2020-يلغا بارغاندا، شەھەرلىشىش، تۆۋەن تەننەرىخ ۋە يۇقۇرى ئۈنۈمنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرىش سىستېمىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرىش نىسبېتىنى كۆرۈنەرلىك يۇقۇرى كۈتۈرىش تەلەپ قىلىندى. فاڭ شىڭخەي ئەپەندى پاي چېكى بازىرى ۋە زايۇم بازىرىنى ئاساسلىق تىلغا ئالغان.

بىر يىغىن ياكى بىرپارچە ھۆججەت بىلەن پايچىكى بازىرىنى قايتا جانلاندۇرىش ناتايىن، باشقاتەرەپلەردىكى يۈرۈشلەشكەن تەدبىرلەرنى بىرگە يولغا قويغاندا پايچىكى بازىرى قايتاگۈللىنىشى تەبىئى.

پۇل قىممىتىنىڭ چۈشۈشى ۋە ئۆسۈم نىسبېتىنىڭ تۆۋەنلىشى بارلىق مەبلەغنى ئاكسىيەبازىرىغا كېرىشكە مەجبۇرلىدى؛ 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىلىمىزنىڭ 10 يىللىق زايۇمنىڭ پايدا نىسبېتى 2009-يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن سەۋېيىگە چۈشۈپ، %2.8 يېقىن تۆۋەنلىدى؛ ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، چوڭ ھەجىمدە تۆۋەنلەشكە خېلى ۋاقىت بولسىمۇ لىكىن كېلەر يىلى %2.5 ئەتراپىدا تۆۋەنلىشى مۈمكىن. بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدا نىسبېتىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلەيدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ. قالدۇق پايدا نىسبېتى ۋە بانكا پايدا نىسبېتىدە بۇيىل زور ئۆزگۈرىش يۈزبېرىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ %6 لىك پايدا نىسبېتى %4 ئەتراپىغاچۈشۈپ قېلىشى مۈمكىن.

ئۇندىن باشقا، ئۆي-زىمىن بازىرىنىڭ كاساتچىلىقى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرىۋەتتى، مەبلەغ سالغۇچىلار بۇنى قۇبۇل قىلالماسلىقى مۈمكىن لىكىن ئىقتىسادىي ئۆزگۈرىشتە خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش بەسى مۈشكىل. مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن پاي چېكى بازىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرى ھازىرچە قۇبۇل قىلىش دائىرىسىدە.

بۇ ئىككى يىلدا پۇل تارقىتىش مىقدارى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق كەڭ مەندىكى ( M2 ) پۇل قالدۇقى ئاز ئەمەس؛ مەركىزىي بانكا تور بېكىتىنىڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلىشىچە، پۇل قالدۇقى 13 تىرلىيون 740 مىليارد يۈەن بۇلۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەنكى ئايدىن ۋە بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.2 پۇئىنىت ۋە 1.4 پوئىنت يۇقۇرى بولۇپ، 2014-يىلى 6-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يېڭى سەۋېيىنى ياراتقان.2013-يىلدىكى %13.6 ۋە 2014-يىلدىكى %12.2 قارىغانداپۇل تارقىتىش مىقدارىنى كۆپ دېگىلى بولمايدۇ؛ بىرىنچىدىن تۈپ سانى چوڭ،ئىككىنچىدىن بۇيىل 10-ئايدىن باشلاپ تارقىتىش مىقدارى ئاشقان، ئىقتىسادنىڭ مۇقۇملىقى ئۈچۈن، پۇل سىياسىتىنى كەڭ قۇيۇۋەتكەنلىكىنى ئالدىن پەرەز قىلىشقابۇلىدۇ.

2016-يىلى پاي چېكى بازىرىنىڭ نىسپىي مۇقۇملىقى يۇقۇرى بولسىمۇ، بىراق تەۋرىنىش يۇقۇرى بولمايدۇ، يەككە پاي ئوتتۇرىسىدىكى بۆلۈنۈش ئېغىر بۇلىدۇ.

2015-يىلدىكى، پاي چېكىنىڭ كۆپ قېتىملىق چۈشۈشى ۋە چوڭ ھەجىمدە تەۋرىنىشى تارىختا ئاز ئۇچرايدۇ، 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى A پاي چېكى شىددەت بىلەن چۈشۈپ، 5178 نوقتىدىن بىراقلا 2850 نوقتىغا تۆۋەنلەپ %45 چۈشتى؛ مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 12-ئاينىڭ 15-كۈنى بازار يېپىلغىچە تەخمىنەن 220 مىليارد مەبلەغنىڭ پارغا ئايلىنىشى ئاچچىق ساۋاق بولدى،شۇڭا ئاز-ئازدىن ئۆرلەش ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر. 2015-يىللىق IVIXتەۋرىنىش كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا، 3-ئايدىن 9-ئايغىچە تەۋرىنىش نىسبېتى يۇقۇرى بۇلغان، نۆۋەتتە تەۋرىنىش نىسبېتى 2-ئايدىكى تۆۋەن سەۋىيىگە قايتىپ كەلدى، كىلەريىللىق رۇيخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمى، تۆۋەن تەۋرىنىشنى ساقلاپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر.

يەككەپايدىكى بۆلۈنىشنىڭ ئېغىر بۇلىشى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدىكى تىپ ئۆزگەرتىشى ۋە پېيى بازارغا سېلىنغان كارخاننىڭ قۇرۇلمىنى تەڭشىشى ئارقىلىق تۆۋەنلەپ، بەزى سۇمرۇغلار تۇخۇغا ئايلىنىپ بەزى تۇخۇلار سۇمرۇغقا ئايلىنىشى مۈمكىن؛ كەلگۈسىدىكى پاي بازىرىنىڭ ئۈمۈدى يېڭى ئىقتىسادتا، ئىسلاھاتتىن كېيىنكى ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلگەن پاي چېكىدە بۇلىدۇ.

خەلقئارابازاردىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئىقتىسادى تىز ئېشىش باسقۇچىغا كىرسىمۇ لىكىن يەرشارى زايۇم بازىرىنىڭ ئۆنۈمى يەنىلا تۆۋەن ھالەتتە تۇرغاچقا، جۇڭگوغا بولغان زەربىسى ئاساسلىقى سودا ۋە پېرېۋوت نىسبېتىدىن كېلىدۇ.

بازار مەيلى قانچىلىك ئۆزگەرمىسۇن، ئۆزگەرمەيدىغىنى جۇڭگو پاي چېكى بازىرىنىڭ قېيىنچىلىقىدۇر، دىققەتكە ئەرزىيدىغىنى، نۆۋەتتىكى پايچېكى بازىرىنىڭ قانداق قىلىپ بۇ قېيىنچىلىقتىن قۇتۇلىشىدۇر.



خەتكۈچلەر:
03-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىنىڭ 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دوللار/ خەلق پۇلى ئوتتۇرچە باھاسى 6.5202 يۈەن بولۇپ، چوڭ دائىرىدە 74 ئاساسىي نۇقتا ئۆرلىدى؛ جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزى ئېلان قىلغ...
06-05-2016
    يېقىنقى مەزگىللەردە ئالتۇن باھاسى 1300 دوللاردىكى چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، بۇ ئەھۋالغا قارىتا تەھلىلچىلەر بۇنداق دەپ قارىدى، پەقەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە ئالتۇننىڭ ي...
04-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاۋىستىرالىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ئارگىل (Argyle) ئالماس كان رايونىدىن ئېغىرلىقى 9.17 كارات كېلىدىغان ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بىنەپشە رەڭلىك ئالماس بايقالغان بولۇپ، بۇ ئالماسنى پا...
04-05-2016
    دۇنيادىكى داڭلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ماشىنىسى ياساش كارخانىسى شىۋېيتسارىيە ‹‹رېيتېر›› گۇرۇھى شىنجاڭ ‹‹رېيتېر›› توقۇمىچىلىق ئەسۋاب – ئۈسكىنىلىرى چەكلىك شىركىتى 28 – ئاپرېل ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات را...
04-05-2016
    نەچچە كۈندىن بۇيان ئالتۇن، كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ھەتتا 1298 دوللارغا چىقىپ، ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنىڭ يانچۇقىنى خېلىلا چىڭداپ قويغان ئىدى. ئەمما بۈگۈن نەق ئالتۇننى...
04-05-2016
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇرسىتى ئاسىيا رايونىدا، ئالدىنقى ھەپتە جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيە باشچىلىق...
04-05-2016
    دېھقان ئىشلەمچىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەت تۈزۈپ چىققان ئولتۇراق ئۆي لايىھەسى پىلانىغا قارا سايە تاشلىدى. دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى 28- ئاپرېل ئېلان قىلغان «2015- يىللىق...
03-05-2016
    رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» 4-ئاينىڭ 29-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە رۇسىيەنىڭ نېلسون ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ 63 نۇقتىغا چۈشكەن، مەزكۇر كۆرسەتكۈچ 2005-يىلى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى ئە...
03-05-2016
    يېقىندا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىقتىساد تاراتقۇسى فوربېس ئاسىيا رايونىدىكى 30 نەپەر 30 ياشتىن تۆۋەنلەر «Forbes 30 Under 30 Asia» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ فوربېسنىڭ ئاسىيانى باھالاش دائىرىسى قىلغان تۇنجى نۇسخا ت...
03-05-2016
    «ياۋروپا ماشىنا خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋولكىسۋاگېن گۇروھى دېزىل ماتورىدا ساختىلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقتىن، 2015-يىلى 5.515 مىليارد ياۋرو زىيان تارتتى، شۇ سەۋەبتىن ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائاشىنى كېچىكتۈرۈپ ب...
Powered by Leglek