دۇنيانىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۈمىدى تېخىمۇ ئاشتى
12-03-2015
0
703
يازغۇچى: لەگلەكچى
thumb

جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان كۈرەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، چىرىك ئۇنسۇرلارغا قاتتىق زەربە بەردى، بۇ دۇنيانىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىشەنچىسىنى ۋە ئۈمىدىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.


12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى بىلەن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، مۇخبىر بىريۇسىلدا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق ئەقلى ئىسكىلاتى بولغان مادىرىياجا فۇندىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى پىئىر دىفۇئان ئەپەندىنى زىيارەتتە قىلدى. دىفۇئان ئەپەندى مۇخبىرغا ئېنىق ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىسلاھات ئىلىپ بارغان ۋە ئىشىكنى ئىچىۋەتكەن 30 يىلدىن بۇيان ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆپلىگەن ساھەلەردە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ جۇڭگونىڭ دۆلەت كۈچىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپلا قالماستىن، بازار ئىگىلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە جەمئىيەتنى باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ جۇڭگو ھەر قايسى ساھەلەر ۋە قاتلاملاردا چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.


دىفۇئان ئىلگىرى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇب ۋە شىمال مۇناسىۋىتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ياۋروپا كومىتېتى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى سودا مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ جۇڭگودا 20 قېتىمغا يېقىن زىيارەتتە بولغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئاتاقلىق جۇڭگوشۇناسلىققا ئايلانغان. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو ھەر يىلى ئۆتكۈزۈدىغان خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنى ، پۇقرالارنىڭ ساداسىنى ۋە تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سورۇنغا ئايلاندى، خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن سىياسىي كېڭىشىنىڭ كۆپلىگەن ۋەكىللىرى ۋە ئەزالىرى ئاساس قاتلاملاردىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئىككى يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ سادالىرىنى ئىلىپ كېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت بەلگىلىشىنى ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە تەكلىپ ۋە لايىھەلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.


دىفۇئان مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو ئۇزاق مۇددەت سىجىل يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغاندىن كىيىن، ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ئىقتىسادنىڭ ئېشىشنى ئاستىلاتتى، بۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن بولماستىن، بەلكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەقىل پاراسەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. مەن، جۇڭگودا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، جۇڭگونىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ، ئىقتىسادى تەرەققىياتتا بايلىقنى خورتۇش ۋە مۇھىيتغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى بەدەل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ جۇڭگونىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات نىشانى ئىكەنلىكىنى ئىنتايىن ئېنىق تونۇپ يەتكەنلىكىگە دىققەت قىلدىم، بۇ خىل تاللاش، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات جەريانىدا يەكۈنلەپ چىققان ئۈنۈملۈك تەجرىبىسى، شۇنداقلا تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى.

 

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، چىرىكلىك جۇڭگو يولۇققان بىر يېڭى خىرىسقا ئايلاندى، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشمۇ بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا جۇڭگو ۋە چەتئەللەر كۆڭۈل بىلىدىغان بىر مەسىلە بولدى. دېفۇئاننىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئارىسىدا قانات يايدۇرۇلغان ھەمدە مەيلى كىمنىڭ بولۇشى، دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر كىمكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتسىلا، ئۇنىڭ قانۇن ئىنتىزامنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، جۇڭگولۇقلار ئېيتقاندا چوڭ كېچىككە بىرگە زەربە بېرىش ھېسابلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا سىگنال بېرىلگەن. ئۇ، جۇڭگو قانات يايدۇرغان چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ماختىدى، ھەمدە چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئابرۇيىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى، جۇڭگوغا بولغان ئىشىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى دېدى.


دىفۇئان يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، يەنە ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىيەتنى يولغا قويۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، بۇ چىرىكلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى تۆۋەنلەتتى. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇنىڭ جاپالىق ۋە مۇرەككەپلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا سىياسەت ۋە ئۇنىڭ قەرەللىك ئۈنۈمىنى باھالاشتا باشتىن ئاخىرى چىڭ تۇرۇش كېرەك.


ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە چىرىكلىك يالغۇزلا جۇڭگو يولۇقىۋاتقان مەسىلە بولماستىن، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر يولۇقۇۋاتقان مەسىلە، خەلقئارا جەمئىيەت چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك . نۆۋەتتە جۇڭگو چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا خەلقئارانىڭ ياردىمى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئاچقۇچى خەلقئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق باجدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا زەربە بېرىشتىن ئىبارەت، چۈنكى بۇنىڭدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى چىرىك ئۇنسۇرلارنىڭ ھارام پۇلى ۋە قانۇنسىز مال-مۈلكىنى يۆتكەيدىغان ئاساسلىق ئورۇن بولۇپ، بۇ يولنى قەتئىي تاقاش كېرەك.


 


خەتكۈچلەر:
12-03-2015
0
703
يازغۇچى: لەگلەكچى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2015
0
108
thumb
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان يېقىندا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مېھمانساراي سالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. پىلانغا ئاساسلانغاندا، بۇ مېھمانساراينىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1 مىليون 400 مىڭ كىۋادرا...
22-05-2015
0
150
thumb
تۆت كۈن داۋاملاشقان 2015- يىللىق ئۈرۈمچى (ئەتىيازلىق) ئۆي - زېمىن يەرمەنكىسى 17- ماي ئاياغلاشتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۆت كۈندە شەھىرىمىزدە جەمئىي 4321 يۈرۈش تاۋار ئۆي سېتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە يەرمەنكىدە سېتىلغىنى 3894 يۈرۈش ئىكەن. ئۆي - زېمىن ي...
20-05-2015
0
120
thumb
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 18- ماي تېلېگراممىسى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 18- ماي ئېلان قىلغان «2015- يىلى 4- ئايدا 70چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى»غا قارىغاندا، ئۆتكەن ئايغا سېلىشتۇرغاندا، 70 چوڭ، ئوت...
17-05-2015
0
201
thumb
2015-يىللىق ئۈرۈمچى (ئەتىياز پەسىللىك) ئۆي-زېمىن سودا كۆرگەزمىسى 14-ماي شىنجاڭ قىزىلتۆپە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە 79 ئۆي-زېمىن كەسپى تەرەققىيات كارخانىسى قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆي سېتىۋالغاندىكى ئېتىب...
16-05-2015
0
179
thumb
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۇرالغۇ جامائەت فوندى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 12-مايدىن باشلاپ بەش يىلدىن يۇقىرى تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى %4 تىن %3.75 كە تۆۋەنلىتىلگەن. ئىگىلىنىشىچە، 11-مايدىن بۇرۇن تارقىتىلغان (1...
15-05-2015
0
425
thumb
 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-ماي، خەلق تورى مۇخبىرى بېيجىڭ خەشېڭ.شياۋيۈن كوچىسى 8-نومۇردا ئۈستىنكى قەۋەتتىكى 1000 كۋادرات مېتىرغا يېقىن بوشلۇقتىكى چاسا قورۇنى سۈرەتكە ئالدى. بۇ ئۆيلەرنىڭ يەككە باھاس...
15-05-2015
0
135
thumb
شەھىرىمىزدە تۇرالغۇ جامائەت جۇغلانما فوندى قەرزى بېرىش سىياسىتى بوشىتىلغاندىن كېيىن، 11- ماي يەنە خۇش خەۋەر تارقالدى. بەش يىللىق (بەش يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) شەخسىي تۇرالغۇ جامائەت جۇغلانما فوندى قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئاۋۋالقى %3.5 تىن ...
12-05-2015
0
267
thumb
لەگلەك تورى تەرجىمىسى :بۈگۈن نىپالدا قاتتىق يەرتەۋرىگەندىن كېيىن بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغان 4 كىشىنى  تاپقان بۇلۇپ،جوڭگو بىلەن نىپال ئىككىلا تەرەپتىن بىردىن كىشى  بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغان.نېپالنىڭ ئۆزىدىلا 3قېتىم يانتۇلۇقتىن سىيرىلىپ چۈ...
12-05-2015
0
269
thumb
يەرشارى تورى خەۋىرى: جۇڭگو مىتىرولوگىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2015-يىلى 5-ئاينىڭ12-كۈنى سائەت 15دىن 05 مىنۇت ئوتكەندە، نېپالنىڭ(شىمالىي كەڭلىك 27.8گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 86.1 گىرادۇس)دا 7.5بال يەر تەۋرەش يۈ...
12-05-2015
0
456
thumb
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:مۇخبىرنىڭ 10-ماي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «دۇبەي ھەپتىلىكى» دىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو -ئەرەب ئەللىرى ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، «بىر بە...
Powered by Leglek