شىنجاڭدا يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى رېمونت قىلىدىغان، ئاسرايدىغان مۇنتىزىم 4S دۇكىنى بار بولدى. 25 – سېنتەبىر شىنجاڭدىكى تۇنجى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ 4S دۇكىنى رەسمىي مېھمان كۈتۈشكە باشلىدى.
25– سېنتەبىر، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدىكى تۇنجى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ 4S دۇكىنى ــــ «شنيۆ» ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش – تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ كۆلىمى 30 مو بولۇپ، تەكشۈرۈش سېخىنىڭ كۆلىمى 1100 كۋادرات مېتىر، رېمونت سېخىنىڭ كۆلىمى 6000 كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. كۈندە 100 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىلغا مۇلازىمەت قىلالايدىكەن.
تولۇق بولمىغان ئىستاتىسىكىغا قارىغاندا، ساياھەت بازارلىرى ۋە يولۇچى توشۇش بازىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى – سانجى رايونىدىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ سانى 60 مىڭدىن ئاشقان. لېكىن تۈزۈلمىسى يېپىق ھالەتتە، دېتاللىرىنىڭ سۈپىتى ۋە رېمونت خادىملىرى بىردەك ئەمەس، يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بازارلىرى خىلمۇخىل، قالايمىقان، ناچار. نۇرغۇن يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ رېمونت قىلىش، ئاسراش ئىشلىرى ئاساسىي جەھەتتىن يول بويىدىكى دۇكانلاردىلا تاماملىناتتى، مۇلازىمەت سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شىنيۆ» ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش – تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ئىش باشلىشى بىلەن شىنجاڭدىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ئىگىلىرى مۇنتىزىملاشقان، ئۆلچەملەشكەن مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا باشلىغان، شۇنداقلا يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنى رېمونت قىلىش، ئاسراش مۇلازىمىتى ماركىلىشىشقا، كۆلەملىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن.
«شىنيۆ» ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش – تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى ما چۇنلېينىڭ ئېيتىشىچە، مەركەز قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كۆپ قىسىم جايلارغا بېرىپ يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى رېمونت قىلىش، ئاسراش مۇلازىمەتلىرى ئۈستىدە كۆزىتىش ئېلىپ بارغان، شىنجاڭدا يولۇچىلار ئاپتوموبىلى 4S دۇكىنىنى قۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ئىگىلىرىگە مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدىكەن.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved