شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، فىرانسىيە ھەجۋىي رەسىم ژۇرنىلى- ‹شارل ھەپتىلىكى› بىر يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تارقىتىلىدىغان مەخسۇس سان ژۇرنالنى بېسىپ بولغان. ئالدىن ئاشكارىلانغان بۇ ئالاھىدە سان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا ‹بىر يىل› دەپ بېسىلغان بولۇپ، لېكىن مەزكۇر ۋەقەدىكى قاتىل ھېلىھەم قانۇن تورىغا چۈشمەي قېچىپ يۈرمەكتە ئىدى.
بۇ 32 بەتلىك ئالاھىدە سان 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ژۇرنالغا بېسىلغان مەزمۇنلار ئاساسلىقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ھەجۋىي رەسىمچىلەر ۋە مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ھازىرقى خادىملىرىنىڭ رەسىم ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۇنيادىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ مەزكۇر ژۇرنالنى قوللىغان ئۇچۇرلىرى بېسىلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved