سۇرىيەدىكى كۇرت قوراللىق تەشكىلاتى «خەلق قوغدىنىش ئارمىيەسى»نىڭ ئالىي ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ھۇجۇمىنى ئۈنۈملۈك توسالمىدى، بۇ قوراللىق تەشكىلات 2-ئۆكتەبىر شىمالدىكى كېبانىدىكى مۇھاسىرىسىنى داۋاملىق تارايتتى.
كېبانى تۈركىيە بىلەن چېگراداش، ھازىر بۇ يەرنى تۈركىيەدىكى كۇرت ئىشچىلار پارتىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان «خەلق قوغدىنىش ئارمىيەسى »قوغداپ تۇرماقتا. شۇ يەردىكى كۇرتلار كېبانى قولدىن كەتسە، بىزنى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى قىرغىن قىلارمۇ دەپ ئەندىشە قىلماقتا.
ئامېرىكا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى نىشانلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى. كېبانىدىكى بىر خەۋەردار ئەرباب مۇنداق دېدى: ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 1-ئۆكتەبىر كېبانىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر كەنت نىشانلاندى، كېچىدە يېقىن ئەتراپتىكى رايونلاردىن پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەمما، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمى توسوپ قېلىنمىدى.
«خەلق قوغدىنىش ئارمىيەسى»نىڭ ئالىي ئەمەلدارى ئىسمەت ھەسەن ئامېرىكا قوشما شتات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا: «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق خادىملىرى كېبانىغا يېقىنلاپ كىردى، «خەلق قوغدىنىش ئارمىيەسى » كېبانىدا تاجاۋۇزچىلار بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييارلىنىپ بولدى دېدى.
سۇرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: «خەلق قوغدىنىش ئارمىيەسى » بىلەن «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق خادىملىرى ئۆتكەن 36 سائەتتە كېبانىنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىدىكى رايونلاردا داۋاملىق جەڭ قىلدى.
سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، كېبانىنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن كەنتلەرنى كونترول قىلىۋالدى، ھازىرغىچە كېبانى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن 150مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تۈركىيەگە قېچىپ كەتتى.
تۈركىيە زۇڭلىسى ئەخمەت داۋۇت ئوغلى 2-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: تۈركىيە كېبانىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ چاڭگىلىغا كىرىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. كۈچىنىڭ يېتىشىچە بۇنى توسىدۇ. تۈركىيە پارلامېنتى 2-ئۆكتەبىر بىر قارار ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتكە ھەرىكەت قوللىنىپ سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا چېگرا ھالقىپ بىر يىل زەربە بېرىش ھوقۇقى بەردى.
ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئاببوت تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ھۆكۈمەت ئوتتۇرا شەرقتە ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىۋاتقان ئاۋسترالىيە خانلىق ھاۋا ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىراق چېگراسىدىكى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىشنى تەستىقلىدى، مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەت بىر قانچە كۈن ئىچىدە باشلىنىدۇ.
ئاببوت تۈنۈگۈن تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەمەلىيەتتە ئاۋسترالىيەگە ئاللابۇرۇنلا ئۇرۇش قوزغىغان، مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئاۋسترالىيە خانلىق ھاۋا ئارمىيەسى ئىراقتا ياردەم ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى، ھازىر كابىنېت ئۇلارنىڭ ئىراقتا ھاۋادىن زەربە بېرىشى توغرىسىدا ھوقۇق بەردى.
ئاببوت 14-سېنتەبىر: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قىسىم ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ دەپ جاكارلىغان ئىدى. ئىگىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە ئارمىيە دائىرىلىرى ھازىر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە «چوڭ سېرىق ھەرە» F/A-18F بەلگىلىك ئالتە ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە بىر ئالدىن سىگنال بېرىش ئايروپىلانى، بىر بوشلۇقتا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى ئورۇنلاشتۇرغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved