بۇ دۇنيادا ئۆزى بىلەن بىر يىل بىر ئاي بىر كۈندە تۇغۇلغان ئادەمنى ئۇچرىتىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بەكلا تۆۋەن بولىدۇ، ئۇنداق ئادەملەر ئۇچرىشىپ قالسىمۇ چوقۇم ھاياجانلانماي تۇرالمايدۇ. بىراق يېقىندا خۈەينەندە ئوخشاش بىر يىل بىر ئاي بىر كۈندە تۇغۇلغان ئىككى ئەر مانا شۇنداق تەقدىرنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان، بىراق ئۇلار ھاياجانلىنالماي قالغان، چۈنكى ئۇلار يەنە ئوخشاش بىر كۈندە ئوخشاش بىر سەۋەب بىلەن، ئوخشاش بىر يول بۆلىكىدە يەنى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى سەۋەبىدىن قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان. ساقچىلار ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم قولغا ئالغاندىن كېيىن، مەجبۇرىي قان ئېلىپ تەكشۈرۈش مەركىزىگە ئېلىپ كەلگەندە ئاندىن تونۇشقان.
12-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 13 تىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، خۈەينەن شەھىرى چۈەنشەن يولى كوچى ئېغىزىدا بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى موتوسىكىلىت مىنىپ كېتىۋاتقان ئىككى ئەر ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇلغان، نەتىجىدە بۇ ئىككى كىشى، يەنى چىن فامىلىلىك بىلەن چېن فامىلىلىكنىڭ ھاراق ئىچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ھەيدىگەنلىكى ئىسپاتلانغان. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار بۇ ئىككى كىشىنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرگەن ۋاقىتتا، ھەيران قالغان ھالدا ئىككى كىشىنىڭ ئوخشاش بىر يىل بىر ئاي بىر كۈندە تۇغۇلغانلىقىنى بىلگەن. ساقچىلار بۇ ئەھۋالنى ئۇلارغا دېگەندە، ئۇلار بىر خىل ھالدا «ھەممىسى ھاراق ئىچكەننىڭ كاساپىتى» دېگەن.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق چىن فامىلىلىك بىلەن چېن فامىلىلىكنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 103mg/100ml ۋە 116 mg/100ml چىققان بولۇپ، ئوخشاشلا ھاراق ئىچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ھەيدەش ئۆلچىمىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان، شۇڭلاشلا بۇ ئىككى جىنايەت گۇماندارى قاتتىق جازالىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved