ماتېرىيال رەسىمى: 2015-يىلى 10-ئاي، ئەنگلىيەدىكى ۋىليام شاھزادە بىلەن ئېكسپېدىتسىيەچى ھېنرى فوسلى (ئوڭدا) نىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى ھېنرى فوسلىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ دېيىشچە، ئۆزى يالغۇز ئانتاركتىكا قىتئەسىنى كېسىپ ئۆتمەكچى بولغان بۇ ئېكسپېدىتسىيەچى مۇساپىنى تاماملاشقا تەخمىنەن 50 كىلومېتىر قالغاندا ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولۇپ، كېيىن دوختۇرخانىدا قازا قىلغان.
خەۋەردە دېيىشچە، بۇ 55 ياشلىق ئوفىتسېر ئېكسپېدىتسىيە ھەرىكىتىنى باشلاپ 71 كۈندىن كېيىن قۇتقۇزۇش سىگنالى تارقاتقان بولۇپ، سەۋەبى ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلىنىش ۋە ئەزالىرى زەئىپلىشىش ئىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇ 1470 كىلومېتىر ئارىلىقنى تاماملىغان بولۇپ، نىشانغا يېتىشكە تەخمىنەن 30 مىل (50 كىلومېتىر) قالغان ئىكەن.
1-ئاينىڭ 22-كۈنى، فوسلى تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن چىلدىكى فېتائالىناس شەھەرلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. ھەمدە باكتېرىيە خاراكتېرلىك قورساق پەردە ياللۇغى بولۇپ قالغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان. گەرچە دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. خەۋەر دېيىشىچە، فوسلىنىڭ ئېكسپېدىتسىيە ھەرىكىتى ناھايىتى مۇرەككەپ ھاۋارايى شارائىتىدا داۋاملاشقان.
فوسلى ئېكسپېدىتسىيە ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى Endeavour Fund خەيرى-ساخاۋەت فوندى ئۈچۈن مەبلەغ توپلاش بولۇپ، بۇ خەيرى-ساخاۋەت فوندى يارىلانغان ۋە ئاغرىق قېرى ئەسكەرلەرگە ياردەم قىلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved