خەلق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .مىسلى كۆرۈلمىگەن تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش ئۈچۈن شۇ يەر ۋاقتى 26- نويابىردىن باشلاپ تېررورلۇققا قارشى يېڭى قانۇن لاھىيىسىنى يولغا قويدى .
ئەنگلىيە يېڭى يولغا قويغان تېررورلۇققا قارشى يېڭى قانۇن لايىھىسىنىڭ مەزمۇنى تۈرلۈك مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش ،ۋاقىتلىق قوغلاپ چىقىرىش بۇيرۇقىنى يولغا قۇيۇش ئارقىلىق ،تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قاتناشتى دەپ گۇمان قىلىنغان ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋەتىنىگە قايتىشىنى مەنئىي قىلىش ،ساقچىلارغا ئەنگلىيە چىگرىسىدا تېررورلۇققا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ پاسپورتىنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 كۈن مۇسادىرە قىلىش ھوقۇقىنى بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
يېڭى قانۇن لايھىسىنىڭ يولغا قۇيۇلىىشىغا قارىتا ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى ھۆكۈمەت يولغا قويسا بولىدىغان بارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قۇيۇش ئارقىلىق تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىغانلىقىنى ئەمما ئەنگىلىيىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن كېلىدىغان تەھدىتنى تامامەن تۈگىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ،لېكىن دۆلەتنىڭ مەنپەتنى ئىمكانقەدەر قوغداپ ،تېررورلۇق تەھدىتنى ئازايتىدىغانلىقى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي تېررورلۇققا قارشى تەدبىرلىرى ۋە بۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش لايھىىسىنىڭمۇ مۇشۇنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
ئەنگلىيە تېررورلۇق تەھدىتى دەرىجىسىنى بەشكە ئايرىغا ن بۇلۇپ ئايرىم ئايرىم ھالدا يېنىك ئوتتۇرىھال ،بىر قەدەر ئېغىر ،ئېغىر ۋە ،ئىنتايىن ئېغىردىن ئىبارەت .بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تېررورلۇق تەھدىتى دەرىجىسىنى بىر قەدەر ئېغىردىن ئېفىرغا كۆتۈردى .بۇ تېررولۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ
.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved