دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 18-ئىيۇن ئېلان قىلغان 2015-يىللىق 5-ئايدىكى 70 چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆينى سېتىش باھاسىدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىدىن ئايان بولىشىچە، 70 چوڭ ئوتتۇرا شەھەرنىڭ ئۆي باھاسىنىڭ ئالدىنقى ئايدىكى بىلەن سېلىشتۇرما نىسبىتى داۋاملىق ئاشقان، ئۆي بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 1-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسى 4-ئايدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، 5-ئايدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۆسكەن. كەسىپ ئەھلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى شەھەرلەردە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ھەددىدىن زىيادە تېز بولۇش ۋەزىيىتى ئۆي بازىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئەمما ئۆي ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئىھتىياجى بۇ يىلقى ئۆي بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىكى مۇھىم كۈچ.
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 5-ئايدا 70 چوڭ ئوتتۇرا شەھەردە ئۆي باھاسىنىڭ ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئۆرلەش سانى داۋاملىق ئاشقان، ئۆي بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەنىمۇ مۇستەھكەملەنگەن. 70 ئوتتۇرا چوڭ شەھەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي ۋە نىمكەش ئۆينىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئۆسكەن شەھەرلەر ئايرىم ئايرىم 20 ۋە 37 بولۇپ، ئايرىم ئايرىم ئالدىنقى ئايدىكىدىن 2 سى ۋە 9 ى كۆپەيگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved