جەنۇبىي شىنجاڭدا ياسالغان يېڭى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتى پاكىستانغا ئېكسپورت قىلىندى
يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئارقىلىق پاكىستانغا توشۇلدى، بۇ ‹‹جۇڭشىڭ›› ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرو رايونى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تۈر قۇرۇلۈشىغا پائال قاتنىشىپ، پاكىستانغا چىقارغان تۇنجى ئېكسپورت مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ.
‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تۈگۈندۇر، ئېنېرگىيە تۈرىدە، بولۇپمۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈرى جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدا ئالدىن يولغا قويۇلغان تۈرگە ئايلاندى. ‹‹جۇڭشىڭ›› ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ پاكىستاندىكى 900mw لىق فوتوۋولت تۈر قۇرۇلۇشى جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى . بۇ قۇرۇلۇش جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدا ئاۋۋال يولغا قويۇلىدىغان تۈر قىلىنغان بولۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشىدا نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرىدۇر.
1 مىليارد 500 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغان بۇ تۈر قۇرۇلۇشى يەر شارىدىكى يەككە كۆلىمى ئەڭ زور بولغان فوتوۋولتلۇق ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدۇر. بۇ قۇرۇلۇشقا كېرەكلىك فوتوۋولت يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە سانائەت بازىسى تەمىنلىدى. ئىگىلىنىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە سانائەت بازىسىغا ‹‹جۇڭشىڭ›› ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان، قۇرۇلۇش 2014 – يىلى باشلانغان بولۇپ، شۇ يىلى قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 140 مىليون يۈەنلىك مەھسۇلات قىممىتى ياراتقان.
جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە سانائەت بازىسىدا جەنۇبىي شىنجاڭ مەۋقە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى نىشان قىلىنىپ، چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشلىرى يولغا قويۇلدى، بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى تەدرىجىي ھالدا فوتوۋولت تور دېتاللىرىنى قوغداش، نازارەت قىلىش، تىزگىنلەش مەركىزىگە، فوتوۋولت سىستېمىسى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت بازىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، قۇراشتۇرۇش، قۇرۇلۇش مۇلازىمىتى، تور دېتاللىرىنى قوغداش، نازارەت قىلىش قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە كەسىپ زەنجىرىنىڭ راۋانلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر سانائەت بازىسىدا پولات ماتېرىيالى ۋە مېتال تاختىلاردىن مېخانىكىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش، لىنىيە تاختىسى ئىشلەپچىقىرىش، ئىشكاب قۇراشتۇرۇش، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلار، فوتوۋولت زاپچاسلىرى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىك تەجرىبىلىرى تەكشۈرۈش كەسپىي زەنجىرى شەكىللەندى. مەزكۇر بازىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولتلۇق مەھسۇلاتلار <<جۇڭشىڭ>> ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ سىچۈەندىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى فوتوۋولت تۈر قۇرۇلۇشىنى تەمىنلەپلا قالماي، يەنە پاكىستانغا ئېكسپورت قىلىندى.
‹‹جۇڭشىڭ››ئېنېرگىيە شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان جەنۇبىي شىنجاڭ ئېنېرگيە بازىسى تەسىر دائىرىسىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كېڭەيتىشنى نىشان قىلىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى سانائەت بازىسى رايون ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئەۋزەللىكى، پىششىقلاپ ئىشلەش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تۈرىنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىدى. بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى گو جۈن مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە سانائەت بازىسى قۇرۇلۇشىدا <<جۇڭشىڭ>> ئېنېرگىيە شىركىتى ئاۋۋال شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىشكە ئېتىبار بېرىپ، بىرىنچى قاراردا 240 ئىشچى قوبۇل قىلىپ، ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ ئالتە قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى ھەم بۇ ئىشچىلارنى سىچۈەن، گەنسۇ ئۆلكىلىرىگە ئۆگىنىشكە، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا ئەۋەتتى. ھازىر بەزى ئىشچىلار پاكىستان قۇرۇلۇش ئورنىدا تايانچلاردىن بولۇپ قالدى.
بۇ يىل 6 – ئايغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە سانائەت بازىسىنىڭ سېتىش كىرىمى 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 90 مىليون يۈەنلىك مەھسۇلات قىممىتى، 10 مىليون يۈەنلىك پايدا – باج ياراتتى.
![]() |
چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەڭ يېڭى بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىياڭگاڭ يەنىلا پۈتۈن دۇنيادىكى تورغا چىقىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى جاي ئىكەن. شىمالىي ئامېرىكا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغ...
|
![]() |
بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1271.44 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى 5.4 دوللار ئۆستى؛ ھەر ئۇنىسيە نەق كۆمۈشنىڭ باھاسى 17.06 دوللار بولۇ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved