ھېچقانداق داۋالاش سالاھىيىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تيەندوڭلۇق ئەر شىياڭX ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن «نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى» ئاچقان، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ كوچىدا قالغان روھىي كېسەللەرنى دوختۇرخانىغا مەجبۇرلاپ ئېلىپ بارغان، ئاندىن كېسەل داۋالاش باھانىسى بىلەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قاقتى-سوقتى قىلغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ يەرلىك ساقچىلار 19 نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قۇتقۇزۇپ چىققان. يېقىنقى كۈنلەردە، تيەندۇڭ ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى قانۇنسىز قاماپ قويۇش جىنايىتى، قاقتى-سوقتى قىلىپ ئېلىۋېلىش جىنايىتى، ئاياللارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكار شىياڭX غا 11 يىل مۇددەتلىك قاماق جازاسى، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بەرگەن. ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان بۇ قانۇنسىز نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى» 13 يىل رەسمىيەتسىز تىجارەت قىلغان ئىكەن.
شى ئەپەندىم دۇئەن ياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىن، ئۇنىڭ ئاچىسى شىياۋ جۈەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان روھى كېسەل. 2014-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى شىياۋ جۈەن ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، ئائىلىسىدىكىلەر ھەر تەرەپتىن ئۇنى ئىزدەپ ھېچ يەردىن تاپالمىغان. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى بىر ناتونۇش قىز-ئوغۇل شى ئەپەندىمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، يان تېلېفوندىن بىر پارچە سۈرەتنى كۆرسىتىپ بۇ ئايالنىڭ شى ئەپەندىنىڭ ئاچىسى شۇمۇ ئەمەسلىكىنى سورىغان.شى ئەپەندى سۈرەتتىكى ئايالنىڭ دەل ئۆزىنىڭ يوقاپ كەتكەن ئاچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان،ئۇلار بۇ ئايالنىڭ شى ئەپەندىنىڭ ئاچىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، بىر يانفون نومۇرىغا تېلېفون قىلىپ ئاچىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ قويغان، ھەم« ئاچىڭىز بىزنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ، سىز دەرھال تيەندۇڭ ناھىيەسى شىياڭ جۇ بازىرىدىكى تۇياڭ دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئاچىڭىزنى ئەكېلىۋېلىڭ، يېنىڭىزغا جىق پۇل سېلىۋېلىڭ» دەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن. شى ئەپەندى ئاچىسىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولغان، تۆت كۈندىن كېيىن، ئۇ ماشىنا ھەيدەپ دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاچىسىنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغان. شى ئەپەندى دوختۇرخانىدا ئاچىسى ۋە بىرمۇنچە ئاياللارنىڭ بىر كىچىك ئۆيگە قاماپ قويۇلغانلىقىنى كۆرگەن، ئۇ ئاچىسىنى ئۆيگە ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندا، دوختۇرخانا ئۇنىڭدىن 10 مىڭ يۈەن «داۋالاش ھەققى» تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە پۇل تاپشۇرمىسا ئاچىسىنى ئېلىپ كەتكىلى قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. شى ئەپەندى بۇ دوختۇرخانىدا مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلىپ، دوختۇرخانىنى كېسەل داۋالاش نامى بىلەن قاقتى-سوقتى قىلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ، شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپكە دېلو مەلۇم قىلغان.
شۇ جايدىكى ساقچىخانىنىڭ ساقچىلىرى دوختۇرخانىغا يېتىپ بېرىپ، بۇ دوختۇرخانىنى ئاچقان شىياڭX نى كونترول قىلغان، ھەم دوختۇرخانىدىن ئالتە دانە ساقچىلار ئىشلىتىدىغان كويزا، نەق پۇل، كاسسىر ھېسابات دەپتىرى ۋە ئىككى دېلو سادىر قىلغاندا ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنى قولغا چۈشۈرگەن. ساقچىلار بۇ دوختۇرخانىدىن 19 نەپەر روھى كېسەلنى قۇتقۇزۇپ چىققان، جىنايەت گۇماندارى شىياڭX ساقچىلار تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان. ئارقىدىن جىنايەت گۇماندارى لوڭX قاتارلىق تۆت كىشى كەينى-كەينىدىن قولغا ئېلىنغان.
نەننىڭ شەھەرلىك 5-خەلق دوختۇرخانىسى ئەدلىيەلىك باھالاش ئارقىلىق، 19 نەپەر قۇتقۇزىۋېلىنغانلار ئارىسىدا، 17 بىمارنىڭ نېرۋا كېسەل، بىر ئادەمنىڭ تۇتقاق كېسىلى بار ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر ئادەم روھىي كېسەل ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved