يۇمغاقسۈت ھەممىزگە تونۇش كۆكتات، ئۇ تاماقنى تەملىك قىلىپلا قالماي، يەنە چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ. بىرازىلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: «يۇمغاقسۈتتە بار كەرەپشە پېگمېنتى مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭى ھۈجەيرىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنى، شۇنداقلا مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «بىز كەرەپشە پېگمېنتىنىڭ ئادەمنىڭ غول ھۈجەيرىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا، كەرەپشە پېگمېنتىنىڭ غول ھۈجەيرىنى 25 كۈندە نېرۋا ھۈجەيرىسىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى، بۇ يېڭى پەيدا بولغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئارىسىدا ئالاقە تېخىمۇ كۆپ ۋە مۇرەككەپ بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق، بۇ مېڭىنىڭ ئەستە ساقلاش ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارى كۈچەيگەنلىكىنىڭ بېشارىتى؛ كەرەپشە پېگمېنتى يۇمغاقسۈت، كەرەپشە ۋە قىزىلمۇچتا كۆپ، شۇڭا بۇ خىل كۆكتاتلار نېرۋا ئاجىزلاش، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك ۋە پاركىنسون كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىپ، مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ».
تەرجىمان: مەردان ئەركىن
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved