بەيدۇ تورى ساغلاملىق مۇنبىرى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئاق كېسەل دائىم كۆرىلىدىغان پىگمېنىت كەملەش خاراكتىرىدىكى تېرە كېسىلى بولۇپ، كىلىنكىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپ ئورۇندا ئاق داغ سىممېتىرىك ھالەتتە پەيدا بولىدۇ. ئاق كېسەل كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تېرە راكى بولۇپ قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ زىيىنى چوڭ بولۇپ، بالدۇر داۋالىتىش كېرەك.
(ئاق كېسەل) نىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش يوق لىكىن ئاق كېسەل بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ ئومومىي ھالىتىدىن قارىغاندا بۇ، رەئىس ئەزالارنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىشى تەسىرىدىن تېرىنىڭ قان ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى، ئوزۇقلۇقلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى، رەڭ پىگمېنتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، تەبىئىي ھارارەت تۆۋەنلەپ، ھۆللۈك كۆپىيىپ كېتىش شۇنداقلا ھۆل ۋە سوغۇقلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش نەتىجىسدە، خىلىتلار خام قېلىش، كەم قانلىق، كۆيۈك، ئۈششۈك ، قاتارلىق ھەر خىل ئىچكى - تاشقى سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
كېسەل ھەرقانداق ياشتا پەيدا بولىدۇ. ھەتتا بوۋاقلاردا، كىچىك بالىلاردىمۇ پەيدا بولىدۇ. كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، كېسەللىكنىڭ تەرەققياتى، ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئايرىم كىشىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلدى. دوكلاتتا بالىلاردىكى ئاق كېسەللىك ئاق كېسەل بىمارلىرىنىڭ ٪25 نى ئىگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا بالىلاردىكى ئاق كېسەلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىشىمىز ۋە ئىگىلىشىمىز ئاق كېسەلنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىمىزغا پايدىسى بار.
پەيدا بولۇش ئەھۋالى: ئەڭ ئاۋۋال پەيدا بولغىنى تۇغۇلغان ۋاقىتتا بولىدۇ. 10 ياشتىن بۇرۇن پەيدا بولغانلار ئاق كېسەل بىمارلىرىنىڭ ٪15 نى ئىگىلەيدۇ. قىزلاردا ئوغۇللارغا قارىغاندا كۆپرەك پەيدا بولىدۇ.
پەيدا بولۇش سەۋەبى: ئېرسىيەت ئامىلى بىرقەدەر يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. بىر قىسىم بالىلاردا سىرتقى زەخىملىنىشتىن پەيدا بولىدۇ. يەنى پۇت – قول، تىز، جەينەك قاتارلىق ئورۇنلارا كۆپرەك پەيدا بولىدۇ . كېسەللىك ئورنى: بالىلاردىكى ئاق كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش ئورنى باش قىسىم ٪50 نى تىزنىڭ ئاستى تەرىپى ٪28 مەيدە تەرەپ ٪18 نى جىنسى ئەزا ٪8 ئىگىلەيدۇ.
ئاۋۋال جىنسىي ئەزا تەرەپكە پەيدا بولىدۇ ئاندىن تىز، يوتا، بىلەك، قول – پۇت قاتارلىق ئورۇنلاردا پەيدا بولىدۇ.تارقىلىشى: كەڭ كۆلەملىك تارقىلىش بارلىق ئاق كېسەللەرنىڭ ٪42 _ ٪33نى بۆلەكلەر بويىچە تارقىلىش، ٪17 _ ٪9 نى جەينەك ئورۇندا پەيدا بولۇش، ٪50 _ ٪30 نى ئىگىلەيدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
10 ياشتىن تۆۋەن بوغۇم خاراكتېرلىك ئاق كېسەل بىمارلىرى ٪41.3 نى ئىگىلەيدۇ.
كېسەللىك ئۆزگىرىشى: بالىلاردىكى ئاق كېسەل ئادەتتە بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈشى، تېرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ چوڭىيىدۇ.
كېسەل بالىلاردىكى روھىي ھالەت: مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ئائىلىدە بولىدۇ. ئادەتتە روھىي جەھەتتىن تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. بىراق مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. روھىي جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچاپ ئىچ مىجەزلىك خاركتېرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزىنى باشقىلارىن كەمسىتىدىغان، ئۇيقۇسىزلىنىدىغان ھەتتا ئۆز – ئۆزىدىن بىزار بولىدىغان ھالەتلەر شەكىللىنىپ كېسەلنىڭ مۇقىملىشىشىغا ياكى ساقىيىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
داۋالاش ئۈنۈمى: بالىلاردىكى ئاق كېسەل چوڭلارنىڭكىگە قارىغاندا ساقىيىشى تېزراق ىولىدۇ.
ئاق كېسەل راكقا ئوخشاش ساقايمايدىغان كېسەل بولمىسىمۇ، لىكىن كۆپلىگەن ھەرخىل داۋالاشلارنى قۇبۇل قىلغان ئەھۋالدىمۇ ساقىيالماي، بۇ كېسەللىكنىڭ ئازاۋىنى يەتكىچە تارتقان كىشلەر «ئاق كېسەل زادى ساقىيامدۇ، يوق؟» دىگەن سۇئالنى قويماي قالمايدۇ. ئۇنداقتا ئاق كېسەل زادى ساقىيامدۇ؟ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئاق كېسەلنى تۇنۇش ۋە داۋالاش 1500 يىلدىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، كالا تەمرەتكە، ئاق كېسەل قاتارلىق جاھىل خارەكتېرلىك تېرە كېسەللىرىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ساقىيىش نىسبىتىنىڭ باشقا ھەرقانداق تېبابەتكە قارىغاندا يۇقۇرى ئىكەنلىگىنى دۇنيا ئەھلى ئىتراپ قىلماقتا، ھەم ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بەزى داۋالاش تەجرىبىلىرى باشقا تېبابەتلەر تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىپ ئىشلىتىلمەكتە. ياز پەسلىدە قەشقەر ئۇيغۇر تېبابەتخانىسى قاتارلىق ئاق كېسەل داۋالاشتىكى نۇپۇزلۇق دوختۇرخانىلارغا بارسىڭىز، ئۇ يەردە چەتئەللىك بىمارلارنىڭ تۇشۇپ كەتكەنلىگىنى بايقايسىز. ئاق كېسەل دىياگىنۇز قۇيۇش ئاسان، ئەمما ساقىيىشى قىيىن بولغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، قەدىمدە كىشىلەر «پىسە»، «ئالا بەدەن »، «ئىتى ئالا»، «ئالا ئەت» دىگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتاپ كەلگەن.
ئۇنىڭ رۇشەن بولغان تاشقى بەدەن كېسەللىك ئالاھىدىلىگى كىشلەردە ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك، ئۆزىنى پەس كۈرۈش، باشقىلاردىن قېچىشتەك پىسخىك ھالەتنى پەيدا قىلغاچقا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، كەسىپ، ئائىلە ھاياتىغا ئېغىر بولغان ئەكىس تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ. ئۇلار بەدىننىڭ بۇرۇنقى كۆركەم ھالىتىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىپ، دۇرا ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ گاھ ياخشىلىنىپ، گاھ ئېغىرلىشىپ ئۆزگۇرۇش ياساپ تۇرىدۇ. ئەمما، ئاق كېسەل داۋالاشقا ئىشلىتىلدىغان كۆپ قىسىم دۇرىلار ئاق داغ ۋە تېرە ئاستىدىكى يۈزە بىر قاتلامغىلا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، تېرىنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىكى ھەقىقى كېسەللىك يىلتىزى جايلاشقان ئۇرۇنغا يىتىپ بارالمايدۇ، نەتىجىدە كۆزلىگەن ئۇنۇمگە ئىرىشەلمەي، ۋاقىت كەينىگە سۆرىلىدۇ، ئېغىر بولغانلىرىدا باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولۇپ، بىمارلارنىڭ سالامەتلىكىگە خەۋىپ يەتكۈزىدۇ.. ئىچىدىن بىرىلدىغان دۇرىلارغا ئەنئەنىۋى تېبابەت دۇرىلىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ ئۆزلەشتۇرگەن قان كۇپەيىتكۇچى، بەدەنگە قۇۋۋەت بولغۇچى، تېرە رەڭگىنى ياخشىلىغۇچى ... دۇرىلار بىرلىش ئارقىلىق، تۇسالغۇلار ئېچىلىپ، ئىچكى ئەزالار ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش، قان تۇلۇقلاپ قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، تېرە ماددا ئالماشتۇرىشىنى ياخشىلاپ، كېسەلنىڭ تاراپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە، سىرىتتىن ئۆزىمىزگە خاس بولغان نەچچە ئون يىللىق كىلىنكىلىق تەجرىبىدىن ئۆتكەن دۇرا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق تېرە ئاستىدىكى ئۆلگەن ھۈجەيرىلەر ئۇنۇملۇك تارتىپ چىقىرلىپ، تېرە سىرىتقى يۈزىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى تېزلىتىلىدۇ. سىرىتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىمىزنىڭ سىڭىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۇچلۇك بولۇپ، ئەڭ چۇڭقۇر قاتلامغا جايلاشقان كېسەللىك يىلتىزىنىمۇ تارتىپ چىقىرالايدۇ، سىڭىش ئۈنۈمى ئالاھىدە كۇچلۇك بولغاچقا پەسىل تاللىمايدۇ، ئاپتاپقا ياكى نۇرغا قاقلاپ دۇرىنى تېرە ئاستىغا سىڭدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
(داۋالاش تەجرىبىمىزدىن شۇ ئايانكى، ئۇزۇن مۇددەت نۇر ياكى ئاپتاپقا قاقلىغاندا، تېرە سىرىتقى يۈزى قېتىۋالغانلىقتىن، كۇپىنچە دۇرىلار تېرە ئاستىغا سىڭەلمەي، كېسەللىك تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ، ھەتتا بەزىلەردە پۇتۇن بەدەنلىك كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلدۇ . جەھەتتىن بىمارلارنىڭ روھىي جەھەتتىكى بېسىمى بولۇپ، روھىي ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاق كېسەل بىمارلىرى ۋاختىدا ساقىيالماي، كېسەللىك ئۇزۇراپ كەتسە، ئۇلارنىڭ رۇھى بېسىمى ئارتىپ، چۇشكۇنلۇككە پېتىپ قېلىشى، ئۆزىنى تۇۋەن كۈرۈپ ، پىسخىك بۇزۇلۇش ئەھۋاللىرى كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئارقىسىدا نېرۋا، يۈرەككە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بار، ئەلۋەتتە. شۇڭا ئاق كېسەلنىڭ ئادەم بەدىنىگە بىۋاستە زىيىنى بولمىسىمۇ، ئەمما، پىسخىك تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلسا، باشقا ئەگەشمە كېسەللەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە ئاق كېسەل دائىم، بەدەننىڭ كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىملارغا پەيدا بولىدىكەن شۇڭلاشقا بىمارلارنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپ جەمئىيەت بىلەن ئالاقىدە، ئۆگىنىش، خىزمەت ئىزدەش، نىكاھ قاتارلىق ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇلار دائىم كىشىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ. روھىي جەھەتتە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدۇ بۇ خىل ئەھۋال ئاق كېسەلنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.ئۇندىن باشقا، مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارشىچە، ئاق كېسەل بىمارلىرىنىڭ تېرىسىدىكى قارا پىگمىت يوقالغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا تېرىنىڭ ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرىدىن قوغدىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەچكە ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ زەخىملىنىشىدىن كېلىپ چىققان ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، ئەگەر ئاق كېسەل پۈتۈن بەدەنگە تارالغان بولسا چاچ – تۈكلەر ئاستا – ئاستا ئاقىرىپ ھەتتا چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەر بەز تۆشۈكچىلىرى ئىتىلىپ قېلىپ تەرنىڭ بەدەنگە چىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇلۇشى قالايمىقانلىشىپ باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن.
قەھۋە تەركىبىدە كوففېئىن بار بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ نېرۋىسىنى غىدىقلاپ، ئاسان ھاياجانلاندۇرىدۇ، ئۇ يەنە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قاننى راۋانلاشتۇرىدۇ.
لېكىن قەھۋەنى كۆپ ئىچىش بەدەنگە زىيانلىق بولۇپ، كۆپ ئىچكەندە كەيپىيات تۇراقسىزلىشىش، جىددىيلىشىش، نەپەس سىقىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، نېرۋا سېستىمىسىغا تەسىر قىلىدۇ، شۇڭا ئاق كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار قەھۋە ئىچمەسلىكى كېرەك. بولمىسا، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved