ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2010 – يىلىدىن 2014 – يىلىغىچە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 5 مىليارد 500 مىليون يۈەن مالىيە مەبلىغىنىڭ ياردىمى، 1 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن كۆپرەك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كىچىك تىپتىكى ئېتىز – ئېرىق سۇ ئىنشائاتلىرى قۇرۇلۇشىدىكى 63 نۇقتىلىق ناھىيەنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان ئېتىز 18 مىليون 560 مىڭ موغا يەتكۈزۈلدى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدىغان ھاۋا كىلىماتىغا بىرلەشتۈرۈپ، شۇنداقلا يوپۇق يېپىپ تېرىش تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز سۇ تېجەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىشتىن ئىبارەت سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى تەدرىجىي قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىدىغان ھەر مو يەردىكى سۇنىڭ مىقدارىنى 100 كۇب مېتىردىن ئارتۇق ئازلىتىپ، مو بېشىدىن %30 – %50كىچە سۇ تېجەپ، يىلىغا 2 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىر سۇنى تېجىگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى دېھقانچىلىق باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، دېھقانچىلىقتا ئېرىق – ئۆستەڭ سۈيى بىلەن سۇغىرىش مىقدارى يىلمۇ يىل ئازىيىپ، تۇپراقنىڭ ئىككىلەمچى شورلىشىشى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.
دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، ھازىر يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تېخنىكىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېۋەز، ئىقتىسادىي زىيارەتلەر، باغ – ئورمان، يەم – خەشەك قاتارلىق 30 نەچچە خىل زىرائەت تېرىقچىلىقىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغان بولۇپ، ئوخشىمىغان زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇلى ۋە كىرىمى%20تىن %40كىچە ئاشقان، ئەمگەك كۈچى %30تىن %50كىچە، ماشىنا بىلەن تېرىقچىلىق قىلىش ھەققى %20تىن %40كىچە تېجەپ قېلىنغان، ئوغۇتتىن پايدىلىنىش نىسبىتى %30تىن %80كىچە ئېشىپ، ئوخشىمىغان زىرائەتلەرنىڭ مو بېشى كىرىمى 400 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە كۆپەيگەن.
دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى دېھقانلارنىڭ ئىلگىرىكى تېرىقچىلىق ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، كاندۇك ئېتىزلاردا تېرىقچىلىق قىلىشتەك ئەنئەنىۋى ئەندىزىسىنى يەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش تېرىقچىلىق قىلىشقا ئۆزگەرتىپ، يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى %5تىن %7كىچە ئاشۇرۇپ، يەرلەرنى تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇپ، يەر ئوبوروتى، ئالماشتۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان تۇتاش ئېتىزلار يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا، تۈجۈپىلەپ تېرىقچىلىق قىلىشقا، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا شارائىت ھازىرلىغان.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved