جاھان ئاگېنتلىقى 3-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: نېگىرىيەنىڭ شەرقى شىمالىدىكى گامبى رايۇنىدا بىر ئاپتۇمبىلدا ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلىپ 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. نەخ مەيداندا ۋەقەنى كۆرگەنلەرنىڭ ئيتىشىچە، ھۇجۇم قىلغۇچى ئايال كىشى بولۇپ ئۈستىدىكى بومبىنى پارتىلىتىپ نەخ مەيداندا 7 كىشى ئۆلگەن، 4 كىشى دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. يەنە 10 كىشى يارىلانغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ھەربى خادىم، ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدۇق، دېدى. بۇ ھۇجۇمغا ئالاقىدار بىرەر رەسمى بايانات ئېلان قىلىنمىدى. گامبى رايۇنى بۇنىڭدىن بۇرۇن بوكو ھەرەم تېرور تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved