يىللار ناملىق پاراخوتتىكى جەسەتلەر داۋاملىق سۈزۈۋېلىندى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى

كورىيەنىڭ يىللار ناملىق يولۇچىلار پاراخوتى  ۋەقەسىدىكى جەسەتلەر داۋاملىق سۈزىۋېلىنىۋاتىدۇ ،ھازىرغىچە چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتا قازا قىلغانلار 58 كە يەتتى ،244 كىشىنىڭ دېرىكى بولمىدى ،174 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىندى .

كورىيە ھۆكۈمىتى قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە قىيىنچىلىق زور بولسىمۇ ،ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ،ئىزدەشتىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ،
ئىزدەش خىزمىتى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە چىراق نۇرى ئاستىدا داۋاملاشتى .غەۋۋاسلار شۇ كۈنى كەچتە بولقىلار بىلەن ،يولۇچىلار بۆلۈمچىسىنىڭ دېرىزىسىنى چېقىپ ،يولۇچىلار بۆلۈمچىسىگە كىرىپ جەسسەتلەرنى داۋاملىق سۈزۈپ چىقتى .ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ جەسەتنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جەسىتى ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلدى .كورىيە ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش شىتابى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ :‹قۇتقۇزغۇچىلار ھازىر يول باشلاش ئارغامچىسى ئارقىلىق چۆكۈپ كەتكەن يىللار ناملىق پاراخوتتىكى ئىزدەش يولىنى بەشكە كۆپەيتتى ،ئىزدەش يولىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن پاراخوت ئىچىدە ئىزدەش مەشغۇلاتى ئاسانلاشتى ،ئۆتۈشمە يول كۆپەيگەندىن كېيىن پاراخوتنىڭ چۆكۈشى تېزلەشتى ،يەنە بىر جەھەتتىن غەۋۋاسلار تېخىمۇ كۆپ بۇلۇپ ،سۇغا چۈشۈشنى داۋاملاشتۇردى ›دېدى .


4-ئاينىڭ 20-كۈنى ، كورىيە 204ھەربىي پاراخوت 34ھەربىي ئايروپىلان بىلەن يىللار ناملىق پاراخوت چۆكۈپ كەتكەن ئەتراپنى ئىزدىدى ،ئۇنىڭدىن باشقا 56 غەۋۋاس سۇ ئاستىدا ئىزدەشنى باشلىدى ،كورىيە ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە پاراخوت گەۋدىسىنىڭ تۆشۈك ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇل ھايات قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغانلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن بولغاچقا ،قۇتقۇزغۇچىلار سۇ ئاستىدا پاراخوتقا كىرىش ئۇسۇلى بىلەن ئىزدەۋېتىپتۇ ،مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان غەۋۋاسنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە :‹سۇ ئاستىدىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتى زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ›.سۇ ئاستىدا قانچىلىك تۇرالايسىلەر دەپ سورالغاندا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر غەۋۋاس :‹30 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ ئاستىدا تۇرغىلى بولمايدۇ ،سۇ ئاستىدا 30-40مىنوت تۇرۇپ قالغاندا ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن ،بۇنىڭدا غەۋۋاسلار ئۆز قىياسى بويىچە ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنە ،ياكى باشقا ئۈسكۈنىلىرىگە تايىنىپ ئىزدەيدۇ ›.

بۇنىڭدىن باشقا ،كورىيە تەپتىش تەرەپنىڭ پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ھادىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرسىتىشىچە ،پاراخوت سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان بۇلۇپ ،ھازىر تەپتىش تەرەپ ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى جىددىي بۇرۇلغانلىق ياكى ،يۈكنى نورمىدىن ئارتۇق قاچىلىغانلىق دېگەن مەسىلىگە مەركەزلەشتۈردى .

20-چېسىلاغىچە يىللار ناملىق چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتنى ئىزدەش خىزمىتىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەر بولدى ، قۇتقۇزغۇچىلار پاراخوت بۆلۈمچىسىگە كىرىپ ئىزدەشكە باشلىدى ،ھازىرچە چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتنى بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە سۈزۈش ياكى سۇ ئاستىدا ئىزدەش مەسىلىسىگە قارىتا ، يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى تۈرلۈك كۆز قاراشتا بولماقتا .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGELK



خەتكۈچلەر:
22-04-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: تېڭشۈن تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 26-ئاپرېل، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرى بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، خەلق ئاممىسى يارىلانغۇچىلارنى قۇتقۇزدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلغان.
27-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، 16 ياشلىق قىز ساۋاقدىشى بىلەن «يىگىت تالىشىپ» مەكتەپداشلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغان، ئاخىرىدا ھاجەتخانىدا كۆپ ئادەمدىن تاياق يەپ جېنىدىن ئايرىلغان. ...
27-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، بىرازىلىيەدە 53 ياشلىق يۈك ماشىنىسى شوپۇرى 10 ياشلىق قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ھامىلدار قىلىپ قويغانلىقتىن قولغا ئېلىندى، ئۇ قولغا ئېلىنىپ تۈرم...
27-04-2016
 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋىرى: 2015-يىلى 11-ئايدا فىرانسىيە پارىژدا يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 130 ئادەم قازا قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى لەرزىگە كەلتۈرگەنىدى. فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى تۇنجى قېتىم ۋېدىئو...
27-04-2016
    تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان 26-ئاپرېل ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە خەلقئارا تېررورىزىمغا قاتتىق زەربە بېرىدىكەن ھەمدە دەرۋازىسىنى داۋاملىق ئېچىۋېتىپ سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىدىكەن. ئەردو...
27-04-2016
     ئوباما : پۇتىن ياۋروپادىكى ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى...... پۇتىندەك بۇنداق ئادەملەر ياۋروپادىكى كىچىككىنە مەسىلىدىن پايدىلىنىپ ياۋروپانى پارچىلىماقچى بولىۋاتىدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 25- ئاپرېل پۇتىنن...
27-04-2016
    سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت قىسىمىنىڭ 25- ئاپرېل ئاشكارلىشىچە، يەمەندىكى ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان قوراللىقلار بىلەن كۆپ دۆلەت قىسىمى يېقىندا بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ھەزەرموت ئۆل...
27-04-2016
    4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كوننېكتىكات شتاتى، مارىلاند شتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى ۋە  رودې ئارىلى شىتاتىدا دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق زۇڭتۇڭ سايل...
27-04-2016
4- ئاينىڭ 25- كۈنى مىسىر ۋە سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ ئازادلىق كۈنى. مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى شۇ كۈنى مۇبارەك نەزەربەند قىلىنغان ھەربىي ئىشلار دوختۇرخانىسى ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزدى. مۇبارەكمۇ ئۇ تۇرىۋاتقان ئۆينىڭ دەرىس...
27-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئەنگىلىيە، ئىش ھەققى ۋە خىزمەت ۋاقتى مەسىلىسىگە نارازى بولغانلىقتىن، ھەرقايسى جايلاردىكى فېلدشېرلار (دەسلەپكى دەرىجىدىكى دوختۇر) ئىش تاشلاپ نامايىش قىلغان. 26-ئاپرېل ئەنگلىيەدىكى دوختۇ...
Powered by Leglek