رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 27-يانۋار موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋسۋىتز جازا لاگىرى ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن شۇ كۈنى موسكۋادىكى يەھۇدىي مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ناتسىستلارنىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش بۇنداق جىنايەتنى مەڭگۈ كەچۈرۈۋەتكىلى، كەڭ قورساقلىق قىلغىلى بولمايدۇ، مۇشۇندا ۋەقەلەرنى يوشۇرۇش، تارىخنى بۇرمىلاش ۋە ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەخلاقسىزلىقتۇر.
1954-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسى ئاۋسۋىتز جازا لاگىرى ئازاد قىلىنغان . 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 60-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا 104 دۆلەتنىڭ ئورتاق سۇنغا تەكلىپ لايىھەسى ماقۇللىنىپ، ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ‹‹خەلقئارا قىرغىنچىلىق خاتىرە كۈنى›› قىلىپ بېكىتىلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved