ئىراقتا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەررىف تۈنۈگۈن: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىكتە ماسلىشىپ ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنى يوقۇتۇشىنى بىلدۈردى ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىراننىڭ ئىراققا ھەربىي كۈچلىرى ئەۋەتكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.
زەررىف ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زىبارى بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ مەقسىتى ئىراقنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈش. زەررىف مۇنداق دېدى: «ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتى بىر مىللەت، دىنى مەزەپ ياكى دۆلەتكە تەھدىت سېلىپلا قالماستىن، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved