دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ، جۇڭگو مىللەتلەر مۇزېيى ئۆز ئۈستىگە ئالغان 2014-يىللىق ‹‹رەڭدار جۇڭخۇا›› تېمىسىدىكى جۇڭگو مىللىيچە كىيىم كۆرگەزمىسى 2014-يىلى 11-نويابىردىن 25-نويابىرغىچە ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن . شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىنىڭ داڭلىق ياش ئارتىسى ، چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق سېرك ئويۇنى ‹‹سالام ، نەسىردىن ئەپەندىم ›› دىكى باش رولچى مەمەتجان روزى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن زىيارەت ئويۇنى ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ ، تەرەپلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ ، 29-نويابىر ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن .
مەمەتجان روزى 2014-يىللىق ‹‹رەڭدار جۇڭخۇا›› كۆرگەزمە ۋە ئويۇن قويۇش ئۆمىكىگە ئەگىشىپ ئالدى – كەينى بولۇپ ئاۋسترالىيەنىڭ بىرىسبان ، سىدنېي ، شۇنداقلا يېڭى زېلاندىيەنىڭ پايتەختى ۋېللىنگتون قاتارلىق جايلاردا جۇڭگو مىللىيچە كىيىم مەدەنىيىتى ئويۇنى ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەھۋالى كۆرگەزمىسى ، ئېكسكۇرسىيە قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرگە قاتناشقان . بۇنىڭ ئىچىدە بىرىسبان كىۋېنسلاند ئۇنىۋېرسىتېتى ، ۋېللىنگتون ۋىكتورىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ، سىدنېي جۇڭگو مەدەنىيىتى مەركىزى قاتارلىق جايلاردا بەش مەيدان رەسمىي ئويۇن قويۇپ ، سىدنېي-جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ‹‹يىپەك يولى ــ يېڭىلىق يارىتىش يولى ›› كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، كۆرگەزمە ۋە ئويۇن قويۇش ئۆمىكىگە ئەگىشىپ ، يېڭى زېلاندىيە دۆلەت مۇزېيى ، بىرىسبان مۇزېيى ، ئاۋسترالىيە سەنئەت سارىيى، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇزېيى ، ئاۋسترالىيە تۈرمە مۇزېيى قاتارلىق مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان .
بۇنىڭدىن باشقا ، جۇڭگونىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ لۇتوڭ 17-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئەلچىخانىدا مەمەتجان روزى ۋە 2014-يىللىق ‹‹رەڭدار جۇڭخۇا›› جۇڭگو مىللىيچە كىيىم كۆرگەزمە ۋە ئويۇن قويۇش ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالغان .
ئىگىلىنىشىچە ، مەمەتجان روزى 2011-يىلى ‹‹ رەڭدار جۇڭخۇا ›› مىللىيچە كىيىم كۆرگەزمە ۋە ئويۇن قويۇش ئۆمىكى بىلەن بىللە ئامېرىكىغا بارغان ، ئۇ ‹‹ رەڭدار جۇڭخۇا ›› كۆرگەزمە ۋە ئويۇن قويۇش ئۆمىكىنىڭ پىشقان ۋە غوللۇق ئارتىسلىرىنىڭ بىرى ئىكەن . ئۇ بۇ قېتىملىق ئويۇنىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قىزغىن ، خۇشچاقچاق ، يۇمۇرىستىك ، سەمىمىي خاراكتېرىنى نامايان قىلىپ ، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدىكى تاماشىبىنلارنى تەسىرلەندۈرگەن ، ئۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مېھماندوست مىللەت ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە تونۇتۇشنى ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ ، ئورتاق گۈللىنىپ ، ئىناق ماكان قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved