ئۇچ كۈن داۋاملاشقان ئاسىيا تىنچ ئوكيان پارلامېنت مۇنبىرىنىڭ 24- نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى 20- يانۋار كانادانىڭ ۋانكوۋېردا يېپىلدى، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى، رايون ئىقتىسادى ھەمكارلىقى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىس قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئىلىپ باردى، ھەمدە بىر تۈرلۈك بىرلەشمە باياناتنى ماقۇللىدى.
شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، گۈللىنىش، بىخەتەرلىك ۋە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بۇ قېتىمقى مۇنبەر يىللىق يىغىنىنىڭ باش تېمىسى بولدى. يىغىندىن ئىلگىرى، يەنە ئاسىيا تىنچ ئوكيان پارلامېنتىنىڭ ئايال پارلامېنت ئەزالىرى يىغىن ئۆتكۈزدى، بۇمۇ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان پارلامېنتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئايال پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، ئاياللارنىڭ سىياسىي ۋە ئاممىۋىي ئىشلارغا قاتنىشىشنىڭ مۇھىملىقى مۇزاكىرە قىلىندى.
جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چىن چاڭجې باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىنغا قاتناشتى، چىن چاڭجې يىغىندا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىنى قوغداش، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تىنچ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، رايونىدىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئورتاق تەقدىرداش ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان، كەڭ قۇرساق بولغان، ھەمكارلاشقان، ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved