سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى يەنە كۆرۈلەمدۇ ؟ 2015-يىلى رۇسىيە بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتقان جەلپكار نۇقتىغا ئايلاندى.
2014-يىلى ئاياغلىشىش ھارپىسىدا رۇسىيە زوڭتۇڭى پۇتىن دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي ئاساسىنى تۈزىدىغان يېڭى نۇسخىدىكى ھەربىي تەلىماتنى تەستىقلىدى.ئۇنىڭدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتى دەپ قارالدى.
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئالاھىدە تارىخىي مەزگىل. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى ۋارشاۋا ئەھدى تەشكىلاتى لاگىرى بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى لاگىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەت ئۆز ئارا توقۇنۇشى ئومۇميۈزلۈك تىركىشىش مەزگىلىگە كىردى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر رۇسىيە بىلەن غەرب ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت قىسمەن دەرىجىدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. 2015-يىلى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئاچالغا كېلىپ تىركەشمەكتە.
2015-يىلى رۇسىيە ھالقىلىق مەنپەئەت مەسىلىسىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلىدۇ. بىراق دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش يۈزىسىدىن بەلگىلىك جانلىق ۋە ئەمەلىي پوزىتسىيە تۇتىدۇ.
دۇنيانىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن رۇسىيىنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى ھەربىي تەلىماتىدا مۇنداق دەپ قارالدى: يەر شارىدىكى رىقابەت كۈچەيمەكتە، دۆلەتلەر بىلەن رايونلار ئارىسىنىڭ ھەمكارلىشىش ساھەسىدىكى بېسىم كۈچەيدى. قىممەت قارىشىنىڭ ئورنىنى بېكىتىش بىلەن تەرەققىيات قېلىپىدىكى توقۇنۇش كەسكىنلەشتى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يەر شارى ۋە رايون ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن مۇرەككەپلىشىپ تېخىمۇ مۇقىمسىزلاشتى. تەلىماتتا يەنە رۇسىيە يولۇقۇۋاتقان تاشقى بىخەتەرلىك تەھدىتىگە قارىتا مۇنداق دەپ قارالدى: رۇسىيىگە قارىتىلغان چوڭ تىپتىكى ئۇرۇشنىڭ پارتلاش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن، لېكىن قىسمەن ساھەلەردە رۇسىيىگە قارىتىلغان تەھدىت كۈچەيمەكتە.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇنىڭدىن 2015-يىلى رۇسىيىنىڭ ھەربىي ئىشلار ۋە تاشقى سىياسەت جەھەتتە قاتتىق قول بولىدىغانلىقى ، لېكىن قاتتىق قول سىياسەتنىڭ دەرىجىسىنى تىزگىنلەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.رۇسىيە بىلەن غەرب ئالاقىسىنىڭ ناچارلىشىشىنى ئۇكرائىنا كرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقاردى. رۇسىيە ئالىي ئىقتىساد ئىنىستېتوتى ياۋروپا ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيە ئۇكرائىنا 2014-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنى قانۇن لايىھىسىدىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىش قىلمىشىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرى بارلىقىنى، ئۇكرائىنا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى يېقىنلاشتۇرمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ، شۇڭا رۇسىيىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللانمايدۇ.
رۇسىيە زوڭتۇڭى پۇتىن 2014-يىلى 12-ئايىنىڭ 31-كۈنى ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئوباماغا يېڭى يىلنى تەبرىكلەش ئاتكرىتكىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى باراۋەر ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى مۇنداق دېدى: 2015-يىلى رۇسىيە ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ يامىرىشىنى داۋاملىق توسىدۇ، لېكىن ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ئۇكرائىناغا چېتىشلىق ئىشلاردىكى رۇسىيىگە قارىتىلغان مەسىلىلەردە ئوخشاش بولمىغان قەدەمدە تىركىشىدۇ، ئىمكان قەدەر ياۋروپانى ئۆزىگە تارتىدۇ، ئامېرىكا بىلەن ئۇچرىشىشنى ساقلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيە يولۇققان ئىقتىسادىي بېسىم پەسىيىدۇ.
2015-يىلى ئامېرىكا رۇسىيەگە قاراتقان بېسىمنى ساقلاشتا سالمىقىغا دىققەت قىلىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەيدۇ، گەرچە رۇسىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا باقسىمۇ لېكىن ئامېرىكا بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق ساقلايدۇ.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن كۈچ سىنىشىشتىن ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ موداپىئە ئىشلىرىدىكى ئېھتىياجىنىڭ زورىيىشى ھەربىي خىراجەتنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيىنى جازالاش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تۆلەيدىغان بەدىلىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەبىئىي گازنىڭ %30 نى رۇسىيىدىن كىرگۈزىدۇ. فرانسىيە بىلەن گېرمانىيەدىن ئىبارەت ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئىككى مۇھىم دۆلەت كۆپ قېتىم رۇسىيىنى جازالاش رۇسىيە ئىقتىسادىنى زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماستىن، ياۋروپا ھەتتا يەر شارىنىڭ ئىقتىسادىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ،دېدى.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىنىڭ كونترول قىلغۇسىز خەتەر پايدا قىلىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ.گېرمانىيە فرانسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش پىلانىدىن ئېھتىيات قىلىپ، بۇ ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ دەپ قارىدى. گېرمانىيە زوڭلىسى مېرىكىل ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشى بىلەن ئۇكرائىنانى بۇ تەشكىلاتغا يېقىنلاشتۇرۇش ئوخشاش ئەمەس دېدى.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رايون بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە رۇسىيەگە موھتاج . سۇرىيە، ئىران ، ئىراق قاتارلىق مەسىلىلەردە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيەنىڭ مەيدانى بىردەك ئەمەس.بىراق رۇسىيە بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.2015-يىلى رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ قورشاۋ شاھمىتىدا مەلۇم دەرىجىدە ئالاقە ساقلىنىدۇ. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بولۇشى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىر بىرىگە قانچىلىك يول قويۇشىغا باغلىق.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved