جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بۈگۈن 2015-يىلى 12-ئايدىكى تىجارەت ئەھۋالىغا ئائىت ئەڭ يېڭى دوكلاتنى ئېلان قىلغان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆچمە ئالاقە كەسپىدە، 12-ئاي ئىچىدە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 262 مىڭ ئابونتى ئازىيىپ، ئومۇمىي ئابونت سانى 287 مىليونغا چۈشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 3G ۋە 4G ئابونتلىرىنىڭ سانى يېڭىدىن 3.612 مىليون كۆپەيگەن، ئەمما 2G ئابونتلىرىنىڭ سانى 3.874 مىليون ئازىيىپ كەتكەن. 2015-يىلى 11-ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئابونت سانىنىڭ ئازىيىپ كېتىش ئەھۋالى سەل پەسكويغا چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئابونت سانىنىڭ ئۇدا 11 ئاي ئازىيىپ كېتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، 11 ئاي جەريانىدا تەخمىنەن 12.44 مىليون ئابونت ئازىيىپ كەتكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش بىلەن جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ ئىپادىسى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ياخشى ئىكەن، يەنى ھەر بىر ئايدا ئابونت سانى زور كۆلەمدە ئېشىپ بارغان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى 11-ئايدا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئابونت سانى يېڭىدىن 1.212 مىليون كۆپەيگەن، يىللىق ئابونت سانى 18.554 مىليون كۆپەيگەن؛ جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ يانفون ئابونتلىرىنىڭ سانى يېڭىدىن 1.03 مىليون كۆپىيىپ، ئومۇمىي سانى 197 مىليونغا يەتكەن.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى يەنىلا جۇڭگو كۆچمە ئالاقە بازىرىنىڭ ئاساس قىسمىنى ئىگەللىگەن، بازار ئۈلۈشى %63 گە يېتىپ، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ %22 لىك ۋە جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ %15 لىك بازار ئۈلۈشىدىن خېلىلا يۇقىرى تۇرغان.
تېلېگراف كەسپى تەتقىقاتچىسى فۇ شىياڭلىياڭنىڭ ئېيتىشىچە، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئابونت سانىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەب 4G تورى كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن كېيىن قالغانلىقى بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇندىن باشقا، بىر قەدەر قاتتىق ئېلىپ بېرىلغان ھەقىقىي ئىسىم بويىچە تىزىملاش تۈزۈمى بىر قىسىم ساختا كىملىك ئىشلەتكەن ئابونتلارنى چىقىرىپ تاشلىغان، شۇنداقلا، بازار ئېچىشقا سالغان مەبلەغ ئاز بولۇش ۋە ۋەكالىتەن ساتقۇچىلارنى زىيادە كۆپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئابونت سانىنىڭ توختىماي ئازىيىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.
بىراق، فۇ شىياڭلىياڭنىڭ ئېيتىشىچە، نۇقۇل ھالدا ئابونت سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى تەكىتلەشمۇ ئەمەلىيەتتە كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۇنچە مۇھىم ئەمەسكەن، مۇھىم بولغىنى ئەمەلىي ئۈنۈملۈك ئابونت سانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى، مەسىلەن، «ئايلىق سۆزلىشىش ھەققى 10 يۈەندىن ئاشىدىغان ئابونت سانى قانچىلىك» دېگەندەك كونكرېت ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved