يېقىندا بىر سۈرىيە مۇساپىرىنىڭ سۈرىتى توردا كەڭ تارقالغان بولۇپ، سۈرەت تارتىلغان ئورۇن بولسا سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى مادايا. بۇ سۈرەتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر ئەر ئەخلەت دۆۋىسى ئىچىدە ئولتۇرۇپ، نەق مەيداندا تاشلىۋېتىلگەن نەرسىلەرنى يېمەكتە. بۇ كۆرۈنۈش نۇرغۇن تورداشلارنى ھەيران قالدۇرغان.
ئەنگلىيە «ئەينەك» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇش ئۇرۇش ئوتى بەش يىل داۋاملاشقان بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلقنىڭ كۈنى قاتتىق ئېغىرلىشىپ كۈن كەچۈرەلمەس بولۇپ قالغان. مادايا رايونىدىكى خەلق بولسا ئەزرائىل بىلەن ئېلىشماقتا. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ رايوندا سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى يېمەكلىك ۋە توكنى ئۈزۈۋەتكەن بولۇپ، بۇ جايدىكى 40 مىڭ خەلق ئاچلىقتىن ئۆلۈش گىردابىغا بېرىپ قالغان. 26 ياشلىق بىر مۇئەللىمنىڭ دېيىشچە، ئۇ ئۈچ ئايغىچە «ھەقىقىي يېمەكلىك» يەپ باقمىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، سۈرىيە خەلقى ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، مۈشۈك، ئىت، دەرەخ يوپۇرمىقى، تاشلىۋېتىلگەن يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە باشلىغان. ئەمما كوچىدا نۇرغۇنلىغان ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن جەسەتلەرنى كۆرگىلى بولىدىكەن. كىچىك بالىلارغا ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن. ياشانغانلار بولسا ئاچلىققا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنداقتا بۇ مۇساپىرلار نېمە ئۈچۈن بۇ يەردىن قېچىپ قۇتۇلۇپ، ھاياتلىق يولىنى ئىزدىمەيدۇ؟ چۈنكى مادايا ئەتراپىنىڭ ھەممە يېرىدە مىنا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يەردىن قېچىپ چىقىپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved