ئامېرىكىدىكى تاراتقۇلارنىڭ 4-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئەنگلىيەلىك 69 ياشلىق بوۋاي پىتېر 50 يىلنى پايپاق، ئاياغ كىيمەي يالاڭئاياغ ئۆتكۈزگەنلىكتىن ، شۇ ئەتراپتا ‹‹يالاڭئاياغ پىتېر›› دەپ نام ئالغان .
ئىگىلىنىشىچە ، پىتېر ئەزەلدىن پايپاق ، ئاياغ كىيىشنى ياقتۇرمايدىكەن ، ئۇ 20 ياشقا كىرگەندە ئاخىر غەيرەتكە كېلىپ، ئاپىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي پايپاق ، ئاياغنى سېلىپ تاشلىغان ۋە ئۆلۈپ كەتكۈچە مۇشۇنداق يالاڭئاياغ يۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان . ئۇ ھەتتا توي كۈنىمۇ چېركاۋغا يالاڭئاياغ كىرگەن ، توي قىلىپ 44 يىلغىچە ، ئايالى ، پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرى ئۇنىڭ پايپاق ، ئاياغ كىيگىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ، بىراق بەختكە يارىشا ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇ غەلىتە ئادىتىگە قارشى تۇرمىغان .
بىراق ، پىتېرنىڭ يالاڭئاياغ يۈرۈشى ئەتراپتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ‹‹سوغۇق نەزەر ›› ىگە ئۇچرىغان، ئۇ نۇرغۇن قېتىم مېھمانسارايلارغا بارغاندا خوجايىنلار ئۇنى ۋىرۇس ئېلىپ كىرىدۇ ، دەپ كىرگۈزمىگەن .
پىتېر ئۆزىنىڭ يالاڭئاياغ يۈرۈشكە ئاللىقاچان كۆنۈپ كەتكەنلىكىنى ، مەيلى يامغۇر ياغقان ياكى قار ياغقان كۈنلەردە بولسۇن پۇتىنىڭ ئىسسىق تۇرىۋېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان . ئۇ پۇت تىرنىقى ئۈچۈن ھەر خىل رەڭلىك تىرناق لاكلىرىنى سېتىۋالىدىكەن ، ھەتتا بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ ، پۇتىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن چاپلانما قەغەز ۋە چاقماقلارنى مەيخانىلاردا ساتقان . شۇ سەۋەبتىن ، ‹‹يالاڭئاياغ پىتېر ›› دەپ نام ئالغان بۇ بوۋاي يەرلىكتە بىر ئەپسانىۋى شەخسكە ئايلىنىپ قالغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved