پۇتىن :رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقتىكى تەرەققىياتى جۇڭگونىڭ قاتنىشىغا باغلىق


خەلقئارا مەنبەسى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.روسىيە زۇڭتۇڭى ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق چوڭ تىپتىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا ناۋادا جۇڭگو بىلەن ئىمزالانغان تەبئىي گاز توختامى بولمىسا رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق ۋە سىبىرىيىدىكى تەبئىي گازنى ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى .

پۇتىن مۇنداق دېدى :‹جۇڭگو روسىيە ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ئېتىبار بېرىشنى قارار قىلىپ ،ئاخىرى توختام ئىمزالىدى ،بۇ توختام روسىيىگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ ھەم رۇسىيىنىڭ تەبئىي گاز ئېكسپورت تۇرۇبىسىنى ئۇزارتىپ تەبئىي گازنىڭ روسىيە چېگرىسى ئىچىدە غەربتىن شەرققە يەتكۈزۈشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ .›.


پۇتىن بۇ غايەت زور قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنى ۋە باج كىرىمى يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى .پۇتىن رۇسىيىنىڭ شەرققە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئاللىبۇرۇن تۈزىگەن پىلان ئىكەنلىكى بۇنىڭدا سىياسىي غەرەز يوقلىقى ،دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە قاراپ شۇنداق قىلغانلىقى ،ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونىنىڭ دۇنيادىكى باشقا جايلارغا قارىغاندا تەرەققىياتى تېز ئىكەنلىكى ،جۇڭگو ھىندىستان ياپونىيە ،كورىيە قاتارلىقلارنىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ تېز ئېشىۋاتقانلىقى ،ياۋروپاغا نىسبەتەن ھازىرچە ھەم ئەرزان ھەم ئىشەنچىلىك تەبئىي گا ز بىلەن تەمىنلەشتە روسىيىگە يېتىدىغان دۆلەت يوقلىقى ،قىسقا مەزگىلدە پايدا بولۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى .

 

گېرمانىيە مالىيە- ئىقتىساد تورىنىڭ 11- دېكابىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە، ئەسلى تېمىسى «40 دۆلەت جۇڭگوغا تايىنىدۇ»، نۇر تورى تەرجىمىسى: جۇڭگو بىلەن بولغان سودا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنيا ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتلەرمۇ بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىر بۇ تىزىملىك بارغانسېرى كېڭەيمەكتە.


ئىقتىسادشۇناس مىچېل مەكدوننا قاتارلىقلار يېقىندا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، «جۇڭگوغا تايىنىدىغان 40 دۆلەت» ناملىق بىر تىزىملىكنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا قارىتا ئېكسپورت سوممىسىنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورت سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %15 تىن ئېشىپ كەتكەن.


جۇڭگو بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر قوشنىلاردۇر. بولۇپمۇ شىمالدىكى قوشنىسى موڭغۇلىيە بېيجىڭدىن كېلىدىغان پۇلغا ئەڭ تايىنىدۇ. بۇ دۆلەت ئېكسپورت قىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ %93 تىنى جۇڭگولۇقلار سېتىۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ تيەنجىن شەھىرى موڭغۇلىيەنىڭ دېڭىزغا چىقىدىغان بىردىنبىر يولى. ئەتراپتىكى باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ جۇڭگودىن ئايرىلالمايدۇ. تۈركمەنىستان، بېرما ۋە لائۇس جۇڭگوغا ئىنتايىن تايىنىدۇ، ئۇلارنىڭ جۇڭگوغا قارىتا ئېكسپورت سوممىسىنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورت سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم ھالدا %68.8، %41.4 ۋە %35.2 كە يېتىدۇ. بېرما جۇڭگوغا ئاساسلىقى نېفىت ئېكسپورت قىلىدۇ، تۈركمەنىستان بولسا تەبئىي گاز ئېكسپورت قىلىدۇ.

 

ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمۇ بارغانسېرى قويۇقلاشماقتا. خىزمەت شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىش ھەققىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبىدىن، جۇڭگودىكى نۇرغۇن كارخانىلار زاۋۇتلىرىنى ئافرىقىغا يۆتكىمەكتە. جۇڭگولۇقلار يەنە ئافرىقىدىن تاۋار سېتىۋېلىشنى ياقتۇرىدۇ، بۇ ئىش ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرماقتا.

 

جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى مۇھىم سودا ھەمراھلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان سېررالىئون ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ %82.1 نى جۇڭگولۇقلار سېتىۋالىدۇ. جۇڭگولۇقلار يەنە ماۋرىتانىيەنىڭ %48.7، كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ %48.1 ئېكسپورت بۇيۇمىنى سېتىۋالىدۇ. ئومۇمەن، جۇڭگوغا تايىنىدىغان 40 دۆلەتنىڭ يېرىمغا يېقىنراقى ئافرىقىدا. ئۇنىڭدىن باشقا، تىنچ ئوكياندىكى سولومىن تاقىم ئاراللىرىنىڭ جۇڭگوغا قارىتا ئېكسپورت سوممىسىنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورت سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %59.4 كە يېتىدۇ.


جۇڭگوغا تايىنىدىغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىلا نامرات تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەمەس. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرمۇ جۇڭگوغا ئېھتىياجلىق. مەسىلەن ياپونىيە (%18.5)، يېڭى زېلاندىيە (%22.5) ۋە ئاۋسترالىيە (%36.2) مۇ بۇنىڭ ئىچىدە. جۇڭگو بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى، ماشىنا زاپچاسلىرى ۋە تېخنىكىسىغا تولىمۇ ئېھتىياجلىق. گېرمانىيەگە نىسبەتەن، جۇڭگوغا قارىتا ئېكسپورت سوممىسىنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورت سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاران %6 بولسىمۇ، ئەمما مۇتلەق قىممەت بويىچە ھېسابلىغاندا، گېرمانىيە چوقۇم جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ مۇھىم سودا ھەمراھى ھېسابلىنىدۇ.

 

(ماقالىنىڭ ئاپتورى كرىستوف ساكمان، چىڭ مۇ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان.)

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :leglek



خەتكۈچلەر:
21-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
18-05-2016
    5-ئاينىڭ 17-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ شياڭگاڭغا يېتىپ بېرىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان...
18-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، ئەنگلىيەنىڭ ۋوس، ئايال پادىشاھ ئىلزابىت دۆلەتلىك ئابىدە ئۆسۈملۈك باغچىسىدا خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، ھەمدە ئافغانىستاندا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مەزگىلىدە قۇربان بولغان ئەسكەرلەرگە ھۆرم...
18-05-2016
تاس ئاگېنتىلىقىنىڭ 16-ماي خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى شامىل تاھىر 16-چېسلا Twitter دا سۆز قىلىپ، رۇسىيە ئايروپىلانىدىن يەنە بىرىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزى ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغاپ...
18-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، كېنىيە نايروبى. كېنىيە ھۆكۈمىتى بىر ئورۇندىكى بىنانى چاقماقتا. ئىگىلىنىشىچە، كېنىيە دائىرىلىرى 250 ئورۇندىكى سۈپەتسىز قۇرۇلۇشلارغا نىسبەتەن چېقىش-كۆچۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن. شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە...
18-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، جەنۇبىي ئافرىقا كاپېتوۋن، سول قانات پارتىيە ئىقتىسادىي ئەركىنلىك جەڭچىسى پارتىيەسىنىڭ (EFF) ئەزالىرى پارلامېنتقا بۆسۈپ كىرىپ، پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇرۇشقانلىقتىن، ئامانلىق قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن قوغ...
18-05-2016
خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى 5- ئاينىڭ 17- كۈنى بىرلىكتە بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «قانۇنسىز چېگرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويغۇچىلار گۇرۇھى» ئۆتكەن يىلى ياۋروپ...
18-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، ئامېرىكا نيۇيورك. بىر كۆتۈرمە تۆمۈر يول رېلىسى ئاستىغا ئوت كەتكەن بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن پويىزلار ۋاقتىنچە توختىتىلغان. بۇ دەل كەچتىكى قاتناش يۇقىرى پەللە مەزگىلى بولۇپ، نۇرغۇن يولۇچى نيۇيورك مەركىزىي ۋوگزالىدا...
18-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، سۈرىيەنىڭ دالې گېئورگى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قولىدىن دالې گېئورگى دۆلەتلىك دوختۇرخىسىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
18-05-2016
  جۇڭگو خۇاشىيا تورى 18-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى؛    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 17-ماي كۈنى، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا كۆپ قېتىم پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ساقچى...
18-05-2016
ئۆزبېكىستان مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆزبېكىستان بۇ يىل ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ۋە ئوقۇغۇچىلارغا سوۋغات سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل يىغىشنى چەكلىگەن، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۈتتۈرۈش كېچىلىكى ئۆت...
Powered by Leglek