تەۋەككۈلچىلىك قىلىش بىلەن دۇنياغا كەلگەن مورگان ئىمپېرىيەسى
مورگان مالىيە گۇرۇھى ئامېرىكىدىكى ئون چوڭ مالىيە تەشكىلاتىنىڭ بىرى بولۇپ، 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرى بارلىققا كەلگەن. 1861 – يىلى 24 ياشقا كىرگەن ئامېرىكىلىق جون پيرپونت مورگان نيۇيوركتا ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان J P. . مورگان شىركىتىنى قۇرۇپ، شەخسىي بانكا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، دۇنيا پۇل مۇئامىلە مەركىزى بارا – بارا لوندوندىن نيۇيوركقا يۆتكىلىپ، J P. . مورگان شىركىتى تۇرۇشلۇق ۋال كوچىسى 23 – نومۇرلۇق قورۇ پۇل مۇئامىلە ئىمپېرىيەسىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىت دەل فىرانسىيە – پېرۇسىيە ئۇرۇشى مەزگىلى بولۇپ، پېرۇسىيە ئارمىيەسى فىرانسىيەنى مەغلۇپ قىلغاچقا، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ قورال – ياراغ سېتىۋېلىش ئۈچۈن لوندونغا ئادەم ئەۋەتىدۇ. نۇرغۇن بانكىر خەۋپ – خەتەردىن قورقۇپ بۇ ئىشتىن ۋاز كېچىدۇ. ئەمما J P. . مورگان شىركىتى تەۋەككۈل قىلىپ فىرانسىيەگە 10 مىليون فوندسىتېرلىڭ قەرز بېرىپ تۇرىدۇ. جەڭ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، فىرانسىيە مۇددەتتىن بۇرۇن بەلگىلەنگەن باھا بويىچە قەرزنى قايتۇرىدۇ. بۇ قېتىملىق قەرز بېرىپ تۇرۇشتىن كېيىن، J P. . مورگىن شىركىتى 1.5 مىليون فوندسىتېرلىڭلىق ساپ پايدىغا ئېرىشىپ، ھۆكۈمەت مەبلىغى يۈرۈشتۈرۈشتە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتىدۇ.
كېيىنكى 100 نەچچە يىل جەريانىدا، مورگان جەمەتى ئەجدادلىرىنىڭ تەۋەككۈل قىلىپ ئىلگىرىلەش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئەمەلىي كۈچى زور، تەڭداشسىز مورگان ئىمپېرىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى.
كارخانا باشقۇرۇش تاسادىپىيلىققا تولغان بولۇپ، دادىللىق ۋە تەۋەككۈلچىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. بۈگۈنكى ئۆزگىرىشچان سودا دۇنياسى خەۋپ – خەتەرگە تولغان. ئەگەر بىر كارخانا سودا پۇرسىتى كەلگەندە تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىسا، ئۇنداقتا ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. بېل گەيتس مۇنداق دېگەن: ‹‹پۇرسەت دېگەنلىك ئىلگىرى قىلىپ باقمىغان يېڭى ئىشلارنى سىناپ بېقىش دېگەنلىك››. ئىلگىرى قىلىپ باقمىغان ئىشنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن تەۋەككۈلچىلىك روھى بولۇشى كېرەك.
ئەقلىي يەكۈن: بىر كارخانا تەۋەككۈلچىلىك روھىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم كارخانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈشى، ھەر ۋاقىت بازار ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشى، پۇرسەتنى بايقىغان ھامان دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك.
14-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇرسىتى ئاسىيا رايونىدا، ئالدىنقى ھەپتە جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيە باشچىلىق...
|
 |
دېھقان ئىشلەمچىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەت تۈزۈپ چىققان ئولتۇراق ئۆي لايىھەسى پىلانىغا قارا سايە تاشلىدى.
دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى 28- ئاپرېل ئېلان قىلغان «2015- يىللىق...
|
 |
رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» 4-ئاينىڭ 29-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە رۇسىيەنىڭ نېلسون ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ 63 نۇقتىغا چۈشكەن، مەزكۇر كۆرسەتكۈچ 2005-يىلى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى ئە...
|
 |
يېقىندا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىقتىساد تاراتقۇسى فوربېس ئاسىيا رايونىدىكى 30 نەپەر 30 ياشتىن تۆۋەنلەر «Forbes 30 Under 30 Asia» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇ فوربېسنىڭ ئاسىيانى باھالاش دائىرىسى قىلغان تۇنجى نۇسخا ت...
|
 |
«ياۋروپا ماشىنا خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋولكىسۋاگېن گۇروھى دېزىل ماتورىدا ساختىلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقتىن، 2015-يىلى 5.515 مىليارد ياۋرو زىيان تارتتى، شۇ سەۋەبتىن ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائاشىنى كېچىكتۈرۈپ ب...
|
 |
ھىندىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى راجان يېقىندا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە باشلىقلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا: ‹‹ھىندىستان ئىقتىسادى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ...
|
 |
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چوڭ كۆلەمدە ئۇل ئەسلىھە سالىدىغان پۇلى بولمىغاچقا، قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى كاتتا شىركەت – بىن لادىن گۇروھى 50 مىڭ ئادەم قىسقارتتى.
«خۇيتۇڭ » تورى 2–ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: نېفىت با...
|
 |
شىزاڭ ئاپتونۇم رايونىنىڭ رىكازىدىكى يادۇڭ چېگرا ئېغىزى بەش ئاي تاقالغاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن سەھەردە ئوڭۇشلۇق ئېچىۋېتىلدى، جۇڭگو ۋە ھىندىستان تەرەپتىن چېگرادىن ئۆتۈشنى ساقلاۋاتقان كىشىلەر چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈشتى، شىزاڭ بۇ ...
|
 |
ئاساسلىقى ياپونىيە يىنى پېرېۋوت نىسبتىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشى تەسىرىدە، توكيو پاي بازىرى 2- ئاپرېل چۈشۈش بىلەن باشلاندى ۋە داۋاملىق چۈشتى. توكيو پاي بازىرىدا 255 تۈرلۈك پاينىڭ ئوتتۇرچە چۈشۈش چاستۇتىسى %3.11 تىن ئېشىپ كە...
|
 |
بۇ يىل 4- ئايدا ئالتۇن بازىرى قىزىپ كەتتى، ئاي بېشىدا ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1215 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى كۆپ قېتىملىق تېز ئۆسۈش ۋە تىك سىزىقتا چۈشۈشنى باشتىن كە...
|