كۆزنىڭ چارچىشىنى پەسەيتىدۇ. ئىسسىق سۇغا چىلانغان لۆڭگە كۆز ئەتراپىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆزنىڭ چارچىشنى پەسەيتىدۇ، بىر قىسىم كۆز كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ.
گاسلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىسسىق لۆڭگە بىلەن قۇلاقنى يېنىك سۈرتۈپ بەرگەندە، قۇلاقنىڭ قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ، قان يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك كېلىپ چىققان گاسلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
باش قېيىشنى تۈگىتىدۇ. ئىسسىق لۆڭگىنى ھەر بىر قېتىمدا نەچچە مىنۇتتىن ئارقا مېڭىگە قويغاندا، ئارقا مېڭە پەردىسىنى غىدىقلاپ، باش قېيىشنى ياخشىلايدۇ، ئىنكاس ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
بويۇنغا يەل تۇرۇپ قېلىشنى داۋالايدۇ. بوينىغا يېنىك دەرىجىدە يەل تۇرۇپ قالغاندا، ئىسسىق لۆڭگىنى يەل تۇرۇپ قالغان جايغا قويۇپ، بويۇننى مۇۋاپىق ھەركەتلەندۈرۈپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكلىرىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، يەنى بويۇن قېتىشقان، ئاغرىغان، سوغۇق ئۆتۈپ قالغاندىن كېيىن بىرئاز ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ئىسسىق لۆڭگىنى سۈرۈپ بەرسە، كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ۋە سوغۇقتىن بولغان قورساق ئاغرىقىنى داۋالايدۇ. بۇنداق ئاياللار ئىسسىق لۆڭگىنى قورسىقىغا تېڭىپ بەرگەندە ئاغرىق توختايدۇ.
يىقىلىپ يارىلانغان جايغا تېڭىپ بەرسە ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. ھەرىكەت سەۋەبلىك يارىلانغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئىسسىق ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ، ئەمما ئىككى، ئۈچ كۈندىن كېيىن يارىلانغان جايدىن قان چىقمىسا ھەم ئىششىمىسا، ئىسسىق لۆڭگە بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزسە، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved