بالىلاردىكى ئۆپكە ياللۇغى ئاساسىي جەھەتتىن زۇكام بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ يەنە كېكىردەكنىڭ ياللۇغلىنىشىدىنمۇ بولىدۇ. بالىلار زۇكامدىغاندا يېمەكلىككە دىققەت قىلمىسا، كېكىردەك ئاسان ياللۇغلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، بالىلاردىكى ئۆپكە ياللۇغى زۇكامداپ ئۈچ كۈندىن كېيىن كۆرۈلىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بالا زۇكامداپ ئۈچ كۈنگىچە ياخشىلىنىش بولمىسا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك ئىكەن. ئادەتتە زۇكامدىغاندا ئاسان بەلغەم پەيدا بولىدۇ، چوڭلار بۇنى ئاسانلا چىقىرىۋېتەلەيدۇ، لېكىن بالىلار ئاسانلىقچە چىقىرىۋېتەلمەيدۇ. شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا بالىغا ياردەملىشىپ دۈمبىسىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش، ئاستىدىن ئۈستىگە قارىتىپ سىلاپ بېرىش، دۈمبىسىگە بوش ئۇرۇش كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved