كورىيە ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى پارتلاتقان جىنايەت گۇماندارىنى تاپشۇرۇپ بەرمەسلىكى مۇمكىن
        ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 4-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى پارتلاتقان جىنايەت گۇماندارى ۋەقەدىن كىيىن ئاللىقاچان كورىيەگە قېچىپ بېرىۋالغان بولۇپ، كورىيە ساقچى دائىرلىرى يەنە بىر قېتىم «سىياسىي جىنايەتچى» سەۋەبلىك جىنايەت گۇماندارىنى ياپونىيە تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلىشى مۇمكىن ئىكەن، ياپونىيە كورىيەلىكلەرگە قارتا «قىسقا مۇددەت چېگرىدىن كىرسە ۋىزا بېجىرىشنى كەچۈرۈم قىلىش» سىياسىتىنى قايتىدىن قاراپ چىقىپ، رەسمى پاسپورتى بولمىغان كورىيەلىكلەرنى چېگرىدىن كىرگۈزمەسلىكنى ئويلىشىۋاتقان. خەۋەردە دېيىلىشچە، 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ياپونىيەنىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىنى كورىيەلىك بىر ئەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ جىنايەت گۇماندارى ۋەقەدىن كېيىن كورىيەگە قايتىپ كەتكەن. ياپونىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچى دائىرىلىرى بۇ ئەرنىڭ توكيودىكى تۇرۇشلۇق جايىنى ئاغدۇرغان، ۋەقەدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، بۇ ئەر «قىسقا مۇددەتلىك چېگرىدىن كىرسە ۋىزا بېجىرىش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەن پايدىلىق سىياسەتتىن پايدىلىنىپ ياپونىيەگە كىرگەن.  ياپونىيە ئىچكى ئىشلار ئەمەلدارى يۇشىخىدى سۇگا 3-دېكابىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات توپلاش ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش جەھەتتە ياپونىيە بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.  خەۋەردە دېيىلىشچە، 2011-يىلى جۇڭگولۇق ئەر لىيۇ چىياڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىغا ئوت قويۇۋەتكەن، ھەمدە ياپونىيەنىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىغا كۆيدۈرگۈچ قۇتا ئاتقان، كورىيە يەرلىك سوت مەھكىمىسى ئەينى چاغدا ئۇنىڭ قىلمىشىنى «مەردلەرچە جىنايەت ئۆتكۈزۈش» دەپ قاراپ، ئۇنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلغان. خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى قىزىق نۇقتا «كورىيە جىنايەت گۇماندارىنى ياپونىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرەمدۇ يوق» دېگەن مەسىلە ئۈستىگە مەركەزلەشكەن. گەرچە ياپونىيە بىلەن كورىيە ئوتتۇرىسىدا جىنايەت گۇماندارىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى بولسىمۇ لېكىن بۇنىڭ ئالدىدا جۇڭگولۇق ئەر لىيۇ چىياڭنىڭ مىسالى بولغانلىقى ئۈچۈن، كورىيە يەنە بىر قېتىم «سىياسىي جىنايەتچى» دېگەننى باھانە قىلىپ، ياپونىيەنىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى پارتلاتقان جىنايەت گۇماندارىنى ياپونىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكى مۇمكىن.


خەتكۈچلەر:
04-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
20-05-2016
     مۇنداق بىر گەپ بار: ئەگەر بىر ئادەمنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ». ھازىر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىشى بولسا بولمىسا دوستلار چەمبىرىكىگە بىر نەرسە چىقىرىشنى ۋە كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىر ...
20-05-2016
    18-ماي كۈنى ئۆزبېكىستان جۇمھۇريىتى تاشكەنت شەھىرىدە «ئۆزبېكىستان نېفىت ۋە گاز-2016» خەلقئارا كۆرگەزمىسى باشلاندى. بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە 26 دۆلەت ۋە رايوندىن 200 گە يېقىن ۋەكىل قاتناشتى ۋە ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ھازىقى نېفىت...
20-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «بۈگۈنكى رۇسىيە» تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئايال مۇخبىرى ئاننا بارانوۋا يېقىندا پارىژدا فىرانسىيە ئەمگەك قانۇنى ئىسلاھاتى پەيدا قىلغان ناماي...
20-05-2016
يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى، ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئالاقە ئاگېنتلىقىنىڭ 20-چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو 20-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن باش ۋەزىر سارىيىدا ئېچىلغان «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىن...
20-05-2016
    شياڭگاڭ «شەرق كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ 5- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرى ئانىنبېرىگ رايونىدا 18- ماي ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ساقلىغان بىر ئايال قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ساقچىلار ئۇ ئايالنىڭ ...
20-05-2016
    فرانسىيە فىگارو گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى موشى ياللون شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى خىزمىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان، چۈنكى ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى...
20-05-2016
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 18 – ماي ماقۇللىغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىرلارنى تەڭ ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئانچە ياخشى بولمىغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بۇ سەۋەبتىن ئەزا د...
20-05-2016
    باڭكوكتىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئىككى نەپەر دوكتۇر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن نەزەرىيە ئىمتىھانى ئېلىۋاتقاندا، مەزكۇر مەكتەپتىكى يەنە بىر دوكتۇر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن     جۇڭگو ...
20-05-2016
كانادانىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى ئورمانلىق ئوت ئاپىتى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش پونكىتى فورد ماك مۇررايغا قارىتا پەيدا قىلغان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش زىيىنى 763 مىليون كانادا دوللىرى (تەخمى...
20-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئامېرىكا ۋاشىنگتون، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئاقسارايدا ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئىلىم-پەن ئالىمى خۇ جېڭمىڭغا ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىلىم-پەن مۇكاپات مېدالى تارقىتىپ بەردى. كالىفورنىيە ئىشتاتى...
Powered by Leglek