ئادەتتە كۆپلىگەن كىشىلەر سۈت پارشوكىنى تەڭشىگەندە، ئاۋۋال سۈت پارشوكىنى قاچىغا سېلىپ ئاندىن ئۈستىگە قايناق سۇ قۇيىدۇ. لېكىن بۇنداق تەڭشەش ئۇسۇلى كىچىك بالىلارنىڭ ئىچىشىگە ماس كەلمەيدۇ. كىچىك بالىلارغا سۈت پاراشۈكى تەڭشىگەندە، توغرا بولغان تەڭشەش ئۇسۇلى بولسا ئاۋۋال قايناق سۇنى قۇيۇپ ئاندىن ئۈستقگە سۈت پارشوكىنى قۇيۇش، بۇنداق قىلغاندا سۈت پارشوكى ئىچىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم ساقلانغىلى بولىدۇ.
ساغلاملىق مەشغۇلات ئۇسۇلىدا مۇۋاپىق مىقداردىكى سۈت پاراشوكىنى تېمپىراتۇرىسى تەڭشەلگەن سۇنىڭ ئۈستىگە قۇيىمىز، ئاندىن ئىستاكاننى ئاستا چايقايمىز، ئىستاكىن ئىچىدىكى سۈت پاراشوكى ئېرىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يەنە بەلگلىك مىقداردىكى سۈت پاراشوكىنى سېلىپ تاكى ئېرىپ بولغۇچە قەدەر ئىلەشتۈرىمىز.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: سۈت پاراشوكىنى چوقۇم چۈشەندۈرۈشتە كۆرسەتكەن ئۆلچەم بىلەن تەڭشەش كېرەك. بەزى ئاتا - ئانىلار دائىم بالىلىرىنىڭ قورسىقىنىڭ تويماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، سۈت پارشوكىنىڭ ئىزاھاتىدا نەق بىر قوشۇق دېگەن بولسا ئۇلار ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەڭشەيدۇ.. ئەمەلىيەتتە ئارتۇق مىقداردىكى سۈت پارشوكىنى كىچىك بالىلار ھەزىم قىلالماي، ئۇلارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي قاتارلىق ئەزالىرىنى ئاسانلا زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىستاكاننى چايقاپ سۈت پاراشوكىنى ئىلەشتۈرگەن ۋاقىتتا ، چوقۇم ئاستا چايقاش ، سۈت پاراشوكىنىڭ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved