شىنجاڭ تورى خەۋىرى شەھەر ئاھالىسى جاڭ ئىككى كۈندىن بۇيان ئانىسىغا مەخسۇس ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنى داۋالايدىغان دۇرا ئېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ئىدى .ئىلگىرى ئۇ بۇخىل كېسەلنىڭ ناھىيە –شەھەر ئىشچى خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلگەن ئاستا خاراكتىرلىك كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ،بىراق قايسى بىكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمىگەن ئىدى .
2-ئاينىڭ 1-كۈنى ،مۇخبىر شەھەرلىك ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ،ئاستا خاراكتىرلىك كىسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار چۇقۇم بىكىتىلگەن دوختۇرخانىدا دىئاگنوز قۇيۇپ بېكىتكەندىن كېيىن ئاندىن ئاستا خاراكتىرلىك كىسەل ئاتچوتىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ .ھازىر دىئاگنوز قۇيۇشنى ئۈستىگە ئالغان داۋالاش ئورگىنىدىن جەمئىي بەشى بار .
جاڭ ئالدى بىلەن ئانىسىنى ئېلىپ شىنجاڭ تىببىي ئونىۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى -1دوختۇرخانا ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق دوختۇرخانىسى ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى ،لەنجۇ ھەربىيچە رايۇن ئۈرۈمچى باش دوختۇرخانىدىن بىرىگە بېرىپ دىئاگنوز قۇيۇپ بېكىتىلگەندىن كېيىن ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ئاتچوت قىلىشتىن نەھرىمان بۇلالايدۇ .
شىنجاڭ تىببىي ئونىۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى 2-دوختۇرخانا ياشانغانلار كىسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە ،ھازىر ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنى داۋالايدىغان ئۈنۈملۈك دۇرىنىڭ بىې قېپىىنىڭ باھاسى 180يۈە -ندىن يۇقىرى،ئەكىسچە بۇخىل كېسەللىك ئۇزاق مۇددەتلىك داۋالاش ۋە دۇرا ئىستىمال قىلىشقا مۇھتاج .
جاڭ مۇنداق دېدى ؛ئانامنىڭ ھازىرقى كېسەللىك ئەھۋالىي ئانچە ئېغىر ئەمەس ،بىر قاپ دۇرا بىر ھەپتە ئىستىمال قىلىشقا يېتىدۇ ،يېرىم يىلدىن ۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە بەش مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل خەجلەپ بولدۇق ،ئەگەر ئاتچوت قىلغىلى بولغان بولسا يۈكىمىز خېلى يىنىكلەپ قالغان بۇلاتتى .
ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىدىن باشقا يەنە بۇيىل يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن قان قېتىشىش كېسىلى ،شامالدارىشتىن بولغان يۈرەك كېسىلى ،ئۆپكە تېبىركىليۇز قاتارلىقلارمۇ بار .ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە دىئاگنوز قۇيۇپ بېكىتىلگەن ئالاھىدە ئاستا خاراكتىرلىك كېسەللەردىن 26خىلى بار ،پۈيۈن شىنجاڭ بۇيىچە ئاستا خاراكتىرلىك كېسەل ئەڭ كۆپ بولغان رايۇن.
بۇنىڭ ئىچىدە قان قېتىشىش كېسىلىگە دىئاگنوز قۇيۇشنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق دوختۇرخانىسى شىنجاڭ تىببىي ئونىۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى -1دوختۇرخانا ئۈستىگە ئالغان ؛ شامالدارىشتىن بولغان يۈرەك كېسىلىگە دىئاگنوز قۇيۇشنى شىنجاڭ تىببىي ئونىۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى -1دوختۇرخانا، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق دوختۇرخانىسى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى ئۈستىگە ئالغان؛ ئۆپكە تېبىركىليۇز كېسىلىگە دىئاگنوز قۇيۇشنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئۈستىگە ئالغان.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved