℃60لۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرا تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىدىكى ماھىرلار ۋە ئاپتوموبىللارنى سىنىدى

2015-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو ئاپتوموبىل دالا يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ رايونى مۇسابىقىسى 24-ئىيۇن 3-مۇسابىقە بۆلىكىدىكى كەسكىن رىقابەتنى ئاياغلاشتۇردى، نىڭشيا يۈەندا كېجيەن «چوققا» ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكى ليۇ كۇن/لياۋ مىن گۇرۇپپىسى 2 سائەت 09 مىنۇت 48 سىكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن «خارۋارد» ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيانقى «چېمپىيون مونوپۇللۇقى»نى بۇزۇپ تاشلاپ، مۇسابىقە بۆلىكىدىكى تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.
23-ئىيۇن بىر كۈنلۈك دەم ئېلىشتىن كېيىن مۇسابىقە يەنە كەسكىن داۋاملاشتى، SS3(Discovery Expedition.قۇمتاغ مۇسابىقە بۆلىكى)نىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئېزىتقۇ، ئاخىرلىشىش نۇقتىسى چىقتىم ماي قاچىلاش پونكىتى بولۇپ، 201.59 كىلومېتىرلىق ئالاھىدە مۇسابىقە بۆلىكى بار ئىدى.
111-نومۇرلۇق «مۈشۈكئېيىق» مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ھەيدىگەن ليۇ كۇن/لياڭ مىن شۇ كۈنى ئىككى مۇسابىقە بۆلىكىدىكى بىر قاتار ئەگرى-توقايلىقلار بىلەن كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق بۇ مۇسابىقە بۆلىكىدىكى ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى.
ــ بۇ بۆلەكتىكى مۇسابىقە خېلى ئوڭۇشلۇق بولدى، كۆپىنچە ئاپتوموبىللارنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 200 كىلومېتىرغا يېقىنلاشتى،-دېدى ليۇ كۇن.
بۇ كۈنكى مۇسابىقىدە ماھىرلار ۋە مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرى مېڭىش تەس، ئەگرى-بۈگرى قۇملۇق يولىدىن، باشقا يەنە يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ سىنىقىغا ئۇچرىدى. نەق مەيداندىكى مۇخبىرلار ئۆلچەش ئارقىلىق يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ℃60قا چىققانلىقىنى بايقىدى.
بۇ خىل ناچار شارائىت ماھىرلار ۋە مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىغا غايەت زور سىناق ئېلىپ كەلدى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بەزى ئاپتوموبىللاردا ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كۆيۈش كۆرۈلدى، بىراق، مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى جىددىي تەدبىر قوللانغانلىقتىن ئادەملەر ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى.
«خارۋارد» ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ماھىرى خەن ۋېي ھەيدەپ ماڭغان ئاپتوموبىل قۇم بارخىنىغا كەلگەندە 360 گىرادۇس ئۆرۈلۈپ چۈشتى، شامال توسقۇچ ئەينەك چېقىلدى، خەن ۋېي ئەينەكنى ئېلىۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئىشىك يېپىلمىغاچقا ئامالسىز مۇسابىقىدىن توختاپ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
تەكلىماكاننى ئايلىنىش(خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى 25-ئىيۇن مارافونچە مۇسابىقە بۆلىكىگە كىرىدۇ، بۇ مۇسابىقە بۆلىكى 602 كىلومېتىر بولۇپ، نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دالا راللى مۇسابىقىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپە ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ يول يۈزى قۇم-شېغىل، دەشت-باياۋان، چوڭ يارداڭ، دەريا قىنى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، يەر شەكلى «چايقالما»، ئاچال يول ئېغىزى كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ماھىرلار مۇسابىقە جەريانىدا خالتا جىلغىلارغا كىرىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى، كۆرۈش ئارىلىقى ياخشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى كونترول قىلىشى لازىم .



خەتكۈچلەر:
25-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
13-05-2016
      خانلىق مادرىد «ماركا پۇتبولى Facebook مۇكاپاتى»نىڭ مۇكاپات تارقىتىش سەھنىسىدە ئەزالىرى ئەڭ كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كوماندا بولۇپ قالدى. خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ناۋاس، مارسېلو، مودرىچ، رونالدو قاتارلىق كوماندا...
13-05-2016
       يېقىندا، گېرمانىيە پۇتبول ساھەسىدىكى داڭلىق چولپان ماتىۋۇس بايرېننىڭ تارىختىكى ترېنېرلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقتى، پىشقەدەم ترېنېر ھايىنكىس بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، ھازىرقى ترېنېر گۇئادىئولا ئاران ئالتىنچى ئورۇنغا...
13-05-2016
     مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا، مادرىد ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئاتلىنىدۇ. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، مادرىد ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئاتلىنىدۇ. قوش شاھقا ئايلىنىش پەيىتىدە، رونالدو ئىن...
13-05-2016
    ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ژۇرنىلى «فوربېس» 2015-يىللىق پۇتبول ساھەسىدىكى چولپانلارنىڭ كىرىمىنى ئېلان قىلدى، مادرىد توپچىسى رونالدو بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، كىرىمى 82 مىليون دوللارغا يېتىپ، مېسسى، ئىبراھىموۋىچ، نېيمار، بېل قاتارلىق چ...
12-05-2016
   2016-يىلى 12-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:30 دا، 2016-2015-يىللىق NBA بىرلەشمىسى غەربىي رايون يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 5-ئۇچرىشىشى ئوينالدى. ئالدىنقى 4 قېتىملىق ئۇچرىشىشتا قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئۇدا ئ...
12-05-2016
   گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بايرىن مىيۇنخېننىڭ يېڭى مەشقاۋۇلى ئەنچىلوتتى گوتزېغا بايرىندىن ئايرىلىش تەكلىپىنى بەرگەن، نۆۋەتتە لىۋېرپول ۋە دورتموند قاتارلىق كۇلۇبلار ئۇنى قوشۇۋالماقچى. شۇ يەر ۋاقتى سەيشەنب...
12-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6:00 دە شىنجاڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا بېيجىڭ ئامانلىق كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 3 كە قارىشى 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى . ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئىككىلا تەرەپ توپ ئۇرالم...
12-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى يەكشەنبە كۈنى بارسېلونا كوماندىسى ئۆزىنىڭ مەيداندا 0:5 نەتىجە بىلەن ئۆزىنىڭ رەقىبى ئىسپانىيىلىكلەر كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى ئىختىيارى توپتىن بىرنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى. كاتالونىي...
12-05-2016
     بۈگۈن بارسېلونانىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئىنىستانىڭ تۇغۇلغان كۈنى، بارسېلونا ئورگان تورىدا بۇ پېشقەدەم ماھىرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى. بارسېلونا ئورگان تورىغا «بۈگۈن بىزنىڭ كاپىتاننىڭ 32 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى،...
11-05-2016
   2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى بۇ يىل يازدا فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ. بىراق، مۇسابىقىگە ئاز قالغان مۇشۇ كۈنلەردە بەزى توپچىلار يارىلىنىش ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا ل...
Powered by Leglek