شى جىنپىڭ شاڭخەيدە يۈز بەرگەن دەسسىلىش ھادىسىسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

جۇڭخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەرلىك تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، بايرام مەزگىلىدە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال–مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

لى كېچياڭ ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا تەستىقىي يوليورۇق بەردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – يانۋار تېلېگراممىسى. 2014 – يىل 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23تىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، شاڭخەي شەھىرىنىڭ خۇاڭپۇ رايونىدىكى ۋەيتەندە، ئامما ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، قىستىلىشىپ، دەسسىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 1 – يانۋار سائەت بەشكىچە 35 كىشى قازا قىلىپ، 43 كىشى يارىلاندى.


دەسسىلىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، شاڭخەي شەھىرىدىن يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھادىسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ، بۇ ھادىسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. چاغان، پانۇس بايرىمى كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن جايلاردا بىر قىسىم ئامما يىغىلىپ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ، جايلار خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇشۇنداق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك.


ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا يوليورۇق بېرىپ، يارىلىنىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىشنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئازايتىش، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىشنى، ئالاقىدار تارماقلاردىن جايلارنىڭ بايرام مەزگىلىدە ئادەملەر زىچ توپلىشىدىغان سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈز بېرىشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.


دەسسىلىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار دەرھال ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ، ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى، دوختۇرخانىلارغا بېرىپ يارىدارلارنى يوقلىدى ھەم جىددىي يىغىن ئېچىپ، قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تېزدىن ئورۇنلاشتۇردى. ھازىر ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش، قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ.

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
05-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016