30-ئاپرىل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي پويىز ۋوگزالىدا ئۈچ ئادەم قازا قىلدى، 79 ئادەم يارلاندى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق، تېرورلۇق ھەرىكىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى، خەلقئارادىكى مۇتەخەسىس ئالىملار مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېرورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىنى قوللايمىز،
پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، جۇڭگونىڭ تېروچىلارنىڭ نۇخلىسىنى ئالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
ئىسپانىيەنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى بويىچە مۇتەخەسسى مائاستېرو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زوراۋان، تېرورچىلار ۋوگزالدا پارتىلىتىش ۋەقەسى پەيدا قىلىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە يارلىنىشىغا سەۋەپچى بولدى، بۇنداق ھاياتقا تەھدىد سېلىش، كىشلىك ھوقۇقنى ئاياق ئاستى قىلىش قىلمىشى كىشىنى غەزەبلەندۈرىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى ئەيىبلىشى كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېرورچىلار پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى، تېرورىزىمغا زەربە بېرىش خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس. قانلىق ۋەقە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇددىئاسىغا يەتمەكچى بولغان تېرورچىلارنى كىشلەر ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەسلىكى كېرەك، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېرورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىنى كۈچلۈك قوللايمىز، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قوللىشى ئاسىتىدا شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق، تېرورلۇق پائالىيەتلەرنى مەنبىيىدىن يوقىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
ئالجىرىيە ئاخبارات گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى شېرىف مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش دىلوسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېرورلۇققا قارىشى تۇرۇش ھەركەتلىرىنى قوللايمەن. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: دۇنيادىكى تىنىچلىق ۋە ئادالەتنى ياقىلايدىغان دۆلەتلەر ۋە خەلق ئاممىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدۇ، تېرورچىلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش قىلمىشىغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك. ئىقتىسادى كۈنسايىن گۈللىنىۋاتقان، خەلق تۇرمۇشى باياشات جۇڭگونىڭ تېرورچىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىغا، بارلىق تېرورچى تەشكىلات ۋە تېرورچى ئۇنسۇرلارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن زەربە بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
سىنگاپوردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى خۇيىشەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ مەقسىتى ساراسىم پەيدا قىلىش. جۇڭگو تېرۇرچىلارغا زەربە بېرىش تەدبىرىنى ھەم خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن تېرورلۇققا زەربە بېرىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى زۆرۈر. جۇڭگو نۆۋەتتە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە تېرورىزىمغا زەربە بېرىۋاتىدۇ، جۇڭگو بۇ تۈزۈمنى تېخىمۇ كۈچەيتسە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتىتپاقى بىلەن تېرورلۇققا زەربە بېرىش ئاخباراتلىرىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇش، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مانىۋېرى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىسە بولىدۇ.
رۇسىيە ئىجتىمائىي سىياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى يېفشېف مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىدىكى پارتىلىتىش دىلوسى زوراۋانلىق، تېرورلۇق ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ. تېرورچىلار بىگۇنا پۇقرالارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، يەرلىك خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەتكىمۇ ئېغىر خىرىس پەيدا قىلدى. تېرورىمىمغا، بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش ئۈزۇن مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ئىنچىكە خىزمەت، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە ئورتاق زەربە بېرىشىگە مۇھتاج.
پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە ئونۋېرسىتىتىنىڭ پروفىسسورى، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى مۇتەخەسسى قەييۇم خان مۇنداق دېدى: بۇ ۋەقە كىشىنى چۆچىتىدۇ، تېرورچىلارنىڭ بۇ چاتاقنى تېرىشتىكى مەقسىتى جۇڭگونىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە، شىنجاڭنىڭ مۇقىم ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش. ئۇلارنىڭ بۇ سۈيقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقى، قانۇن بويىچە تېرورچىلارنىڭ نۇخلىسىنى ئېلىششى، قاتناشقۇچىلارنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved