جۇڭگو ئاخبارات ئاگنېتلىقى ، ۋاشىنگتون ، 18-دېكابىر تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دېمپىسنىڭ 18-دېكابىر ئاشكارىلىشىچە ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېقىندىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› (ISIS) نىڭ ئۈچ نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئۆلگەن .
دېمپىس بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ كونكېرت سالاھىيىتىنى ئېيتمىغان . بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، دېمپىس ئېيتقان ئۈچ كىشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ISIS نىڭ ئىراقتىكى ھەربىي ئىشلار قوماندانى باسىت ، تەشكىلاتنىڭ كاتتىبېشى باغدادىنىڭ مەسلىھەتچىسى مۇمتاز ۋە ماۋسىل رايونىدىكى قوماندان تالىب قاتارلىقلار ئىكەن .
شۇ كۈنى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە لېيتېنانت گېنېرالى جامىس تېررىينىڭ ئېيتىشىچە ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بۇ يىل ئاۋغۇستتىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ISIS گە جەمئىي 1361 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان . نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا ھۇجۇمنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ ، ISIS پۈتۈنلەي مۇداپىئە ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان ، ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە كۇرد قوراللىقلىرى ئۇلارنىڭ قولىدىن نۇرغۇن زېمىننى قايتۇرىۋالغان .
تېررىي يەنە بۇ تەشكىلاتنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ، ئۇلارنىڭ ‹‹قايتا كۆكلەش›› ئىقتىدارىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى تەكىتلىگەن . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ھەربىي ھەرىكەت ئاز دېگەندىمۇ يەنە ئۈچ يىل ئېلىپ بېرىلىشى زۆرۈر ئىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved