رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى زەمىر كابىلوف تۈنۈگۈن تاسىس ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: رۇسىيە كېلەر يىلى يانۋاردا ئافغانىستاننىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرىنى بىر تۈركۈم مىلتىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ دېدى.
كابىلوف مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى قورال بىلەن تەمىنلىشى ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. رۇسىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئافغانىستان ئوتتۇرىغا قويغان بەزى تەلەپ تەكلىپلەرنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، بۇندىن باشقا، ئىككى تەرەپ يەنە رۇسىيەنىڭ ئافغانىستانغا تىك ئۇچار سېتىپ بېرىش مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشتى.
كابىلوف يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە تالىبانلارغا جانلىق سىياسەت قوللىنىشقا تەييارلانماقتا. ئۇ: تالىبان بىلەن ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ قارشىلىشىش مۇناسىۋىتى بار دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved