تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
مۇخبىرنىڭ بۈگۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە مائارىپ نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىدىن ئىگەللىشىچە ، مائارىپ نازارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن 2015-يىلى مەركىزى مۇزىكا ئىنىستۇتى قاتارلىق ئىچكىردىكى 17 ئالىي دەرىجىلىك مەكتەپلەر شىنجاڭدا 73 نەپەر نۇقتىلىق مەدەنىيە سەنئەت تالانتلىقلىرىنى تەربىيىلەش پىلانىنى يولغا قويغان. 2010-يىلى شىنجاڭ مەدەنىيە سەنئەت تالانتلىقلىرىنى نۇقتىلىق تەربىيىلەش پىلانى يولغا قۇيۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە بۇ پىلان شىنجاڭ ئۈچۈن 501 نەپەر ھەر مىللەت يۇقىرى قاتلاملىق مەدەنىيە تالانتلىقلىرىنى تەربىيلەپ چىققان.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جاڭ گوخۇينىڭ ئېيتىشىچە بۇ نۇقتىلىق ئىشقا ئۇرۇنلىشىدىغان تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇش مەزگىلىدە ئۇقۇش پۇلى ۋە ياتاق پۇلىنى دۆلەت ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.
2015-يىلى شىنجاڭ مەدەنىيەت سەنئەت تالانتلىقلىرىنى نۇقتىلىق تەربىيىلەش پىلانىدا مەركىزى مۇزىكا ئىنىستۇتى ، مەركىزى تىياتىر ئىنىستۇتى قاتارلىق ئىچكىردىكى ئالىي دەرىجىلىك مەكتەپلەر شىنجاڭدا 73 نەپەر ئوقۇغۇچىنى نۇقتىلىق تەربىيىلەيدىغان، ئوقۇش مۇددىتى 4 يىلدىن 5 يىلغىچە بولىدىغان، مۇزىكا، ئۇسسۇل، رەسساملىق، ماددىي مەدەنىيەت قوغداش ۋە قېزىلما بايلىق قاتارلىقلارنى ئز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved