تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، سەككىز ئۆلكە، شەھەرنى تاللاپ، دۆلەتنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەشتە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش - ياردەم بېرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويدى. شەھرىمىزمۇ بۇ تىزىملىككە كىردى، دۆلەتنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەشكە ياردەم بېرىش بازىسى ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى سۇ سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەركىزىگە قۇرۇلىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھەربىر سۇ بىلەن تەمىنلەشكە جىددىي ياردەم بېرىش بازىسىغا جىددىي ئەھۋالدا سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسىدىن تۆتى، جىددىي ئەھۋالدا سۇ سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئاپتوموبىلىدىن بىرسى، قوماندانلىق ئاپتوموبىلىدىن بىرسى سەپلىنىدىغان بولۇپ، جىددىي ئەھۋالدا سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەسى كۈندە 480 كۇب مېتىرغىچە سۇ بىلەن تەمىنلەيدىكەن، ئاپەت يۈز بەرگەندە 120 مىڭ ئادەمنىڭ ئېچىدىغان سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىكەن.
بۇ بازا يەنە جىددىي ئەھۋالغا تېز تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدىكەن. جىددىي ئەھۋالدا سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەسى ئاپەت يۈز بېرىپ 12 سائەت ئىچىدە ئاپەت بولغان رايونغا يەتكۈزۈلىدىكەن، 24 سائەتتىن كېيىن سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلىدىكەن، ئەڭ كۆپ بولغاندا 540 كىلومېتىر ئارىلىققىچە ئاپارغىلى بولىدىكەن، قاپلىنىش دائىرىسى 900 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved