مۇشۇ ھەپتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر سودا كۈنى 25- دېكابرغىچە، شىنجىن ۋە شاڭخەيدىكى ئىككى پاي بازىرىنىڭ بىر ھەپتىلىك ئوبروت بازار قىممىتى 42 تېرلىيون 610 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن ھەپتىدىكىدىن %1.44 ئاشقان.
ئوخشاش بىر مەزگىلدە شىنجىن ۋە شاڭخەي پاي بازىرىنىڭ ئومۇمىي بازار قىممىتى 53 تېرلىيون 902 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بىر ھەپتە ئىچىدە %1.49 ئاشقان، ئىككى بازاردىكى ئوتتۇرچە پاي باھاسى 12.59 يۈەن بولۇپ، بىر ھەپتە ئىچىدە %1.25 ئۆسكەن.
شىنجىن ۋە شاڭخەيدىكى ئاكسىيە بېرژىسىدىن كەلگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 25- دېكابرغا قەدەر شاڭخەي پاي بازىرىنىڭ ئوبروت بازار قىممىتى 2 تېرلىيون 598 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە، ئومۇمىي بازار قىممىتى 30 تېرلىيون 223 مىليارد يۈەنگە يەتكەن؛ شىنجىن پاي بازىرىنىڭ ئوبروت بازار قىممىتى 16 تېرلىيون 625 مىليارد يۈەنگە، ئومۇمىي بازار قىممىتى 23 تېرلىيون 679 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved