تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .مۇخبرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچىلىرى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون 18 – دېكابىر سائەت 0 دىن باشلاپ يۇقىرى سۈرئەتلىك (يۇقىرى دەرىجىلىك) يولدا قاتناش تەرتىپىنى بىر تۇتاش مەركەزلىك تۈزەش بىرلەشمە ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ قاتناش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان مەدەنىيەتسىز قاتناش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قاتناشنى تەرتىپكە سېلىپ، قاتناش ئۈنۈمى ۋە قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان.
بۇ ھەرىكەت بۈگۈن سائەت 24تە ئاخىرلىشىدىكەن.
بىرلەشمە ھەرىكەتتە، يۇقىرى سۈرئەتلىك (يۇقىرى دەرىجىلىك) يولدا يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ يول ئىگىلىۋېلىشى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن ئاپتوموبىللارنى ھەيدەپ يولغا چىقىش، يولۇچىلار ئاپتوبوسلىرىنىڭ جىددىي ئەھۋال يولىنى قانۇنغا خىلاپ ئىگىلىۋېلىشى، ئاپتوموبىلنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا توختىتىش قىلمىشلىرى تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنغان.
ھەرىكەتتە قاتناش ساقچىلىرى تارماقلىرى سىن ئارقىلىق چارلاپ باشقۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سىن ئارقىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە قاتناش تېخنىكىسى ئارقىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ يول ئىگىلەپ مېڭىشى، يولۇچىلار ئاپتوبۇسلىرىنىڭ جىددىي ئەھۋال يولىنى قانۇنغا خىلاپ ئىگىلەپ مېڭىشى، ئاپتوموبىلنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا توختىتىش قاتارلىق قىلمىشلار بايقالغان ھامان تېزدىن سۈرەتكە تارتىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئىسپاتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، لىنىيە بويىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، يۇقىرى ئاۋازلىق كاناي ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە لىنىيە بويىدىكى تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدىكى ساقچىلارنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئاپتوموبىللارنى توسۇپ، جەرىمانە قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved