نېرۋا خاراكېترلىك چىش ئاغرىقى بولمىغان ئەھۋالدا چىشىڭىز ئاغرسا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنىڭ بىرىنى تاللاپ تەكرار قوللانسىڭىز، مېنىڭچە ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز:
ئۈرۈك مېغىزى:بىر دانە ئۈرۈك مېغىزىنى ئوتقا قاقلاپ، قىزىقىدا ئاغرىۋاتقان چىشقا بېسىپ چىشلەپ تۇرسا، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .
سامساق: ئاقلانغان بىر باش ئۇيۇل سامساقنى ئوتتا قىززىتىپ قىزىقىدا ئوتتۇرىسىدىن يېرىپ، ئاغرىۋاتقان چىشقا بېسىپ چىشلەپ تۇرسا، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
توخۇ تۇخۇمى:
بىر دانە توخۇ تۇخۇمىنى قاچىغا چېقىپ، ئۇنىڭغا يېرىم قوشۇق ئاق شېكەر، ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىر قېتىمدىلا ئىچىۋەتسە، بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن چىش ئاغرىقى توختايدۇ، كېيىن قايتا قوزغالمايدۇ.
غولپىياز: تەڭ مىقداردا غولپىياز بىلەن سامساقنى ئېزىپ، ئۇنىڭغا تۇز ئارىلاشتۇرۇپ، ئاغرىۋاتقان چىشنىڭ كاۋىكىغا سېلىپ، ئۈستىگە پاختا قاپلاپ قويسا، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
يېسىۋىلەك يىلتىزى: بىر تۈپ يېسىۋىلەك يىلتىزىنى ئېزىپ، چىققان شىرنىسىنى قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
ئاپتاپپەرەس چېچىكى . ئاپتاپپەرەس چېچىكىنى قازاندا سۇ بىلەن قاينىتىپ تىلىپىنى سۈزۈپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، سۈيىدىن بىر قېتىمدا يېرىم چىنە ( 300 مىللىلېتر ) ئىچىۋەتسە، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
قىزىق لۆڭگە: لۆڭگىنى قىزىق سۇغا چىلاپ سۈيىنى سىقىۋەتكەندىن كېيىن، گەدەنگە تۆت - بەش مىنۇت قويۇپ تۇرسا، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
توخۇ ئۆتى: بىر دانە توخۇ ئۆتىگە بىر ئاز ئاق ھاراق ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا پاختىنى چىلاپ، ئاغرىۋاتقان چىشقا تەگكۈزۈپ بەرسە، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
پىياز ئۇرۇقى: بىر چىمدىم پىياز ئۇرۇقىنى كۆك رەختكە ئوراپ ئوتتا كۆيدۈرۈپ، چىققان تۈتۈنىدە چىشنى ئىسلاپ بەرسە، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
ئاشتۇزى: بىر ئاز ئاشتۇزىنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنىغا ئېلىپ، توختىماي ئۇۋىلاپ بەرسە ياكى ئاشتۇزىنى قايناقسۇدا ئېرىتىپ ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، بىر دەمدىن كېيىن چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
سىركە: ئۈزۈم سىركىسىنى قاينىتىپ ئۇنىڭدا ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
جىگەر: جىگەرنى كاۋاپ قىلىپ قىزىقىدا چىشلەپ بەرسە، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
خام زەنجىۋىل: خام زەنجىۋىلنى يالپاقلاپ، ئاغرىۋاتقان چىشقا قويۇپ چىشلەپ تۇرسا، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
قارىمۇچ: بىر مىسقال قارىمۇچنى تالقانلاپ، سىركە بىلەن قاينىتىپ، ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
بىر تال كاۋاۋىچىننى ئاغرىۋاتقان چىشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، بىر دەم چىشلەپ تۇرسا ياكى كاۋاۋىچىننى ئاچچىقسۇدا قاينىتىپ چىشنى چايقاپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
تېتىتقۇ: چوكىنىڭ ئۇچىغا تېتىتقۇ ئېلىپ ئاغرىۋاتقان چىشقا تەگكۈزۈپ قويسا، چىش ئاغرىقى تېزلا توختايدۇ. زەمچە. ئۈرۈك قېقى چوڭلۇقىدىكى زەمچىنى يېرىم پىيالە قايناقسۇدا ئېرىتىپ چىشنى چايقاپ بەرسە، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
ئاسپىرىن: بىر تال ئاسپىرىننى ئېزىپ ئاغرىۋاتقان چىشنىڭ كاۋىكىغا سېلىپ، ئۈستىگە پاختا قاپلاپ قويسا، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
زوڭ ئولتۇرۇش. چىش قاتتىق ئاغرىپ كەتكەندە، زوڭ ئولتۇرۇش ھەرىكىتى ئىشلەپ بەرسە، بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى تېز كۆرۈلىدۇ.
تىبابەت تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved