سىنا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .خەلق تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە ،تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن ئۆلكە شەھەرلىرىدە قالايمىقان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بۇلۇپ ،ھازىرغىچە 15 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . تۈركىيەنىڭ ئالتە ئۆلكىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئىدارىسى شۇ يەرلىكتىكىلەرنىڭ كېچىدە يۈرىشىنى مەنئىي قىلغان . ھەمدە ئىككى ئۆلكىدىكى مەكتەپلەر دەرس ئۆتۈشتىن توختىغان .
خەۋەر قىلىنىشىچە ،ئەسەبىيلەشكەن ياشلار سودا ماگزىنلىرىنى ۋە ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى بىنالارنى ئۇرۇپ چېقىۋەتكەن .ساقچىلارغا ،قۇرۇلۇشلارغا ،ۋە ساقچى ماشىنىلىرىغا قارىتىپ تاش ئاتقان ،ۋە كۆيۈۋاتقان بوتۇلكىلانرى تاشلىغان .بۇ سەۋەپتىن يارلىنىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىۋاتقانلارنىڭ سانىمۇ ئېشىپ كەتكەن .يارىسى ئېغىرلار كۆپىيىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 15 كە يەتكەن .
سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ،قارشىلىق ھەركىتىگە قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى كۇرد ياشلىرى بۇلۇپ ،كۇردلاردىن تەشكىل تاپقان پارتىيىنى قوغدىغۇچىلار ئىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved