شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يېڭى دېھلى، 25- دېكابىر تېلېگراممىسى: ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئىشتاتىدىكى كۆپ قىسىم كەنتلەر 24- دېكابىر قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھازىر قازا قىلغانلار 70 تىن، يارىلانغانلار 80 دىن ئاشتى. كۆپ قىسىم كىشىلەر ھۇجۇم يۈز بەرگەندە قېچىپ كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە ئىز - دېرىكى بولمىدى.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساقچىلار بۇ جايدىكى خەلقنىڭ كېچىدە سىرتقا چىقىشىنى چەكلىدى؛ ھىندىستان دائىرىلىرىمۇ 5000 كىشىلىك غەيرىي رەسمىي قىسىمنى ئاسسام ئىشتاتىغا ئەۋەتىپ، زوراۋانلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشىدىن مۇداپىئەلەندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved