زەردار بايلارنىڭ ماشىنىسى قانداق بولۇشى كېرەك؟ دۆلەت ئىچىدە، ماشىنا ناھايىتى چوڭ دەرىىدە بىر ئادەمنىڭ ئورنى، ئۇسلۇبى ۋە ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. روللىس رويىس، بېنتىلىي، بېنىز S دەرىجىلىك ئۇزارتىلغان نۇسخا قاتارلىق نەچچە مىلىيون يۈەنلىك ھەشەمەتلىك ماشىنا، ئۆي ماشىنا سودا ساھەسىدىكى بايلارنىڭ ئەڭ ياقتۇردىغىنى، سالاھىيەتنىڭ سېموۋولى.
بىخەتەرلىكنى ئويلىشىپ، بەزىلىرى ھەتتا قوغدىغۇچى ئىشلىتىدۇ ھەمدە ماشىنا گەۋدىسى ئوق ئۆتمەس ئىقتىدار ھازىرلىغان.
خالىغىنىنى قىلىدىغان ئىككىنچى ئەۋلاد بايۋەتچىلەر ھەشەمەتلىك ماشىنىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، چۇڭچىڭدا يېقىندىلا 26.50 مىلىيون يۈەنلىك كونگىسېگ سوقۇلدى.
دۇنيادىكى ئەڭ باي 80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياش قانداق ماشىنا ھەيدەيدۇ؟ مارك زاكېربېرگ بۇ ئىسىم يېقىندا 46.5 مىلىيارد دوللار ئىئانە قىلغانلىقتىن تېخىمۇ نام چىقاردى، ئەمىلىيەتتە بۇ 80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياش بۇرۇنلا مۇۋاپىقىيەت قازانغان.
ئۇ: «ماشىنا بىر مېڭىش قورالى، ئۇنداق كۆپ پۇل سەرپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەن. شۇڭا ئاشۇ «ھەشەمەتلىك تۇرالغۇدا ئولتۇرۇپ، ھەشەمەتلىك ماشىنا ھەيدەيدىغان» بايلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، مارك زاكىربېرگنىڭ كەمتەرلىكى راستىنلا كىشىنى قايىل قىلىدۇ. تۇنجى ماشىنىسى: خوندا FIT، باھاسى تەخمىنەن 16 مىڭ دوللار.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved